-
نادىر ناخشا: ۋاي ۋاي دادا ۋاي دادا - [بىلىم ئىكرانى]
2008-05-25
-
سىزنىڭ ئادەملىك گۇۋاھنامىڭىز بارمۇ؟ - [ئەدەبىيات سەھپىسى]
2008-04-20
ئادەملىك گۇۋاھنامىسى
ئاپتورى:يۇچىڭ
پويىز كېتىۋاتاتتى، چىرايلىققىنە كەلگەن ئايال پويىز خادىمى ئىشلەمچى سىياقىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرگەقادالغىنىچە ئۈنلۈك قىلىپ:
- بېلىتىڭىزنى كۆرۈپ باقاي،- دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى پۈتۈن ئۈستۋاشلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاران دېگەندە بېلەتنى تاپتى، ئەمما بەرگۈسى كەلمەي بېلەتنى مەھكەم سقىمداپ تۇردى. پويىز خادىمى ئۇنىڭ قولىدىكى بېلەتكە قارىۋېتىپ:
-بۇ ئۆسمۈرلەر بېلىتىكەنغۇ؟_دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ يۈزى ھۈپپىدە قىزاردى،ئۇ دۇدۇقلىغىنىچە:
- ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشكەنغۇ؟_ دېدى.
ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتى باھاسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى پويىز خادىمى ئەلۋەتتە بىلەتتى، پويىز خادىمى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۈستىۋاشلىرىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- سىز مېيىپمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
- شۇنداق، مەن مېيىپ.
- مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە كۆرۈپ باقاي،- دېدى پويىز خادىمى. ئوتتۇرا ياشلىق كىشى جىددىلىشىپ كەتتى، ھەمدە:
- مېنىڭ.... مېيىپلىق گۇۋاھنامەم يوق، بېلەت ئالىدىغان چاغدا بېلەت ساتقۇچى مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭ دېگەنتى ئامالسىز ئۆسمۈرلەر بېلىتى سېتىۋالغانتىم.- دېدى. پويىز خادىمى سوغۇق كۈلدىدە:
- مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭزى بولمىسا سىزنى قانداقمۇ مېيىپ دېگىلى بولسۇن؟
ئوتتۇرا ياش كىشى گەپ قىلماستىن ئاستا ئايىغىنى سالدى ھەمدە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىنى تۈرىۋەتتى- ئۇنىڭ پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئىدى.پويىز خادىمى سىڭايان قارىۋېتىپ:
- مەن مېيىپلىق گۇۋاھنامىسىنى كۆرىمەن! مۇقاۋىسىدا «مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» دېگەن خېتى بار، مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ پولات تامغىسى بېسىلغان كېنىشكىنى دەۋاتىمەن!- دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يىغلامسىرىغان ھالدا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
- مېنىڭ نوپۇسۇم بۇجايدا بولمىغاچقا مېيىپلار بىرلەشمىسى بېجىرىپ بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شەخسىينىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن خوجايىن قېچىپ كەتتى، دوختۇرخانىدا مېيىپلىقنى باھالىتىدىغانغا پۇلۇم يوق شۇڭا.....
پويىز باشلىقىمۇ بۇ يەردىكى ئىشنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدىدە، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كشى ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىنى، مېيىپلار بېلىتى بىلەن ئوخشاش باھادىكى ئۆسمۈرلەر بېلىتى ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن پويىز باشلىقىمۇ:
- بىز پەقەت گۇۋاھنامىنىلا ئېتىراپ قىلىمىز، مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز بولمىغاندىن كېيىن مېيىپلار تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالمايسىز، سىز ...






