-
lost نى كۈرەمسىز؟ بولدىلا - [بىلىم ئىكرانى]
2008-06-05
lost نى كۈرەمسىز؟ بولدىلا
4-بۆلۈمدە قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟ ئۇلار ھايات قايتالىدىمۇ؟ ئۇنداقتا تۈۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ. تۈۋەندە
4-بۆلۈمدىن ئومۇمىي خۇلاسە چۈشەنچە بىرىلدى.ئەگەر سىزنىڭڭ كۆز قارىشىڭىز بولسا سىزمۇ داۋاملاشتۇرۇڭ....
ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنۇ فىلىمى lost...
مەن تۈۋەندە كۆرگۈنۈمگە ئاساسەن خۇلاسىلەپ باقاي... -
قىز ئاياللار ئىپپەتلىك بۇلۇڭلار - [ئەدەبىيات]
2007-11-19
قىز ئاياللار ئىپپەتلىك بۇلۇڭلار
خوتۇنلارغا خاس بولغان ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بىزەك ئىپپەتتۇر .ئىپىتى يوق ئايال نۇرسىز، يالىڭاچ بىر گەۋدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئىپپىتىنى ساقلاشقا تىرىشمىغان ئاياللار ھېچقاچان مۇھەببەت ۋە ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولالماس.
ئاچا--سىڭىللىرىم ! سىلەر ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە ،ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت --- ئىپپەتلىك بولۇشتۇر .
ئىپپەتلىك ئايال گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ ،بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھىسابلىنىدۇ .ئىپپەتسىز ئايال ھەرقانچە بەدۆلەت بولسىمۇ ،كىشىلەر نەزىرىدە پەقىر ۋە ھۆرمەتسىز سانىلۇر . بويۇنغا تاقىغان مارجانلار ،باش ۋە كۆكرەككە قادالغان گۆھەرلەر ،مىليونلىغان پۇل--پۈچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سىتىۋالغىلى بولماس. ئىپپەت شۇنداق زور بايلىقكى ،ئۇنىڭ ئەسلا باھاسى يوق . خوتۇن قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقىغا ،پۇل ماللىرىغا ئەمەس ،بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى بىلەن قۇۋانماقلىرى لازىم .
ئىپپەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەك ئۈچۈن ،ئۇنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ئاجرالماس بىر بۆلىكى بولغان خىسلەتلەر بىلەن تونۇشماق زۆرۈر . ھەكىملەرنىڭ يىزىشلىرىچە ،ئىپپەتتە ئون بۆلەك بار ،ئۇ بولسا : ھايا ،سەۋر ،تىزگىنلەش ،پاكلىق ،قانائەت ،ئېغىر --بىسىقلىق ،ئوچۇق يۈزلۈكلۈك ،ئىخلاس ،تەرتىپ ،ساخاۋەت .
خوتۇننىڭ ئىپپىتى ئەرنڭ ئىززىتى :
ۋاپالىق خوتۇننىڭ باھاسى يوقتۇر،
ۋاپاسىز بولسا گەر كۆزىگە ئوقتۇر.
----- (ئاتىلار سۆزلىرىدىن) -
بىزگە زادى قانداق قىزلار كېرەك؟ - [ئەدەبىيات]
2007-11-19
بۈگۈنكى قىزلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار، ئانا ئۇ پەقەتلا بىر ئۆيگە ياكى بىر نەچچە بالىغا ئانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن بىر مىللەتكە ئانا بولغۇچىدۇر.
مەدەنىيەت، تارىخ ئەنئەنىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق، بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەدىب، ئالىم، مۇتەپەككۇرلىرىمىز ئىنساننىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنى بىلەن ئەتىسى ئۈستىدىكى مۇپەسسەل ئىزدىنىش مېۋىلىرىنى ئۆلمەس «ئادەمگياھ» سۈپىتىدە مىراس قىلىپ قالدۇرغان. تارىخ ھەقىقەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئىنسان قانداق تۇغۇلۇشنى، قانداق ئۆلۈشنى بەلگىلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قانداق ياشاشنى ياكى ئۆلۈمگە قانداق يۈزلىنىشنى تاللىيالىدى. ئەجدادلارنىڭ تۈنۈگۈنكى چۈشلىرى بىزنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزغا ئايلانغان بۇ دەقىقىلەردە، كىممۇ بۈگۈنكى چۈشلىرىمىزنى كەلگۈسىدە يەنە شۇ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ رېئاللىقى ئەمەس دېيەلىسۇن؟!
مەيلى دىني ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ياكى ئىنسانىي ئەخلاق مىزانلىرىمىزدا بولمىسۇن، ئەزەلدىن ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى، ھەتتا ئاياللارنىڭ مەنپەئىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلۇشى تەكىتلىنىپ كېلىنگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۆلەت قانۇن- نىزاملىرىدا ئەر- ئايال باراۋەرلىكى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى تارىخنىڭ تىنىمسىز ئېقىنلىرى، ھەرخىل بوران-چاپقۇنلىرى، بىر- بىرىگە يات بولغان ئەقىدە ۋە ھەرخىل ئىدىئولوگىيىلەر ئىچىدە بۇ ئېسىل ئەنئەنە ۋە زۆرۈرىيەتلەر بىزدىن تولىمۇ يىراقتا قېلىۋاتىدۇ، ياكى بىزگە نىسبەتەن يات بىر نەرسە، يېڭىلىق، غەيرىيلىك بىلىنىۋاتىدۇ.
ئومۇمىي خەلق ھادىسىسى ياكى ئىدىئولوگىيىسىدىن قارىغاندا، يېڭى ئەسىردىكى يېڭىچە چۈشلەرنىڭ قوينىدا تېپىرلاۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن، «بىزگە قانداق... كېرەك؟» دېگەن سوئالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىيلىق ياكى غەلىتىلىك ئەمەس، دەپ ئويلۇدۇم. شۇ خىل قاراش ۋە ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە مەنمۇ «بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟» دېگەن سوئالنى كۆپچىلىك ئوقۇرمەن ۋە نەپەسداشلىرىمغا تاشلىدىم.ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، بىز ھازىر مۇكەممەل ھەم توغرا بولغان بىر ئىدىيە ۋە پەلسەپىۋى قاراشقا ياكى بىز ئۈچۈن ماياك بولالايدىغان كىشىلىك ھايات، قىممەت، دۇنيا قارىشىغا، ئەخلاق -پەزىلەت قارىشىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق. شۇنداقلا بۇلارنى قانداق قىلىپ ئۆزىمىدە جارى قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ھەققىدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك.
قىزلارنىڭ توغرا بولغان ئەخلاق -پەزىلەت قارىشى يېتىلدۈرۈشى تولىمۇ زۆرۈر
ئەخلاق-پەزىلەت كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ، ھاياتنىڭ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەپ تۇرغۇچى تەڭشەك تايىقى بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەخلاق ئادەم ئۈچۈن كىيىم بولۇش بىلەن بىرگە، ئەڭ ياخشى گىرىم ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈنكى قىزلىرىمىزدىكى ئومۇمىي ھادىسىلەرنىڭ بىرى گۈزەللىكنى ئەخلاق بىلەن ئۆلچىمەستىن كىيىم -كېچەك ياكى گىرىم- پەداز بىلەن ئىپادىلەش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق نەرسە ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ ياكى ئەتىۋارلىنىدۇ. ئىنسانمۇ خۇددىي شۇنىڭدەك.ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ھەرخىل تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ئۇچرىتىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىش، مېڭىش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرىدە بەزىبىر بولمىغۇر ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ھەتتا بەزىلەرنى تونۇيالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى قىزلىرىمىزدىكى مەنىۋىيەتنى قوغلاشماستىن،






