• ئاتا - ئانىمىز

    دادام ئاتۇشنىڭ تېجەن دېگەن يېرىدىن غۇلجا شەھىرىگە پىيادە چىقىپ، مەتنىياز ھاجىم سارىيىغا كېلىپ چۈشكەنىكەن. ئۇ، تاپانلىرى ئىششىپ ماڭالماي قالغانلىقتىن، بىر يۇرتلۇقىنىڭ ھۇجرىسىدا بىر ھەپتىچە يېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جاپادا قالغانلىقىنى ئاڭلىغان تېجەنلىكلەر دادامغا بىر قانچە ماتا بېرىپ، ئۇنى ئوقەتكە سېلىپ قويۇپتۇ. دادام ماتالارنى يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىپ، بىر ئاز پۇل قىپتۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار دادامنى ئۆيلەپ قويۇشقان بولسىمۇ، ئەمما دادام تۈزۈكرەك دەسمايىسى بولمىغانلىقتىن، ئوقىتى يۈرۈشمەي تۇرمۇشتىن قىسىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام غۇلجىدىن دۆربىلجىن ناھىيىسىگە كېتىپتۇ. ئۇ بۇ يەردە ئاكىسى قۇربان ئاخۇننىڭ بىر قورا قويىغا قاراپ يۈرگەندە، 12 - يىلى مەن تۇغۇلغان ئىكەنمەن. تۆت ياشقا كىرگىنىمدە بوۋام __ ئاپامنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئائىلىنى غۇلجا شەھىرىگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دادام ئاكىسىنىڭ بەرگەن پۇلىنى دەسمايە قىلىپ، گىر بازىرىدا يەم - خەشەك ساتىدىغان بىر تەنزە ئېچىپتۇ. دەسمايىسى بىر ئاز كۆپەيگەندىن كېيىن، شۇ ئەتراپتىن ماتا - چەكمەن ساتىدىغان كىچىك دۇكان ئېچىۋاپتۇ. ئاندىن دادام تاپقان پۇلىنى يىغىپ غۇلجا شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدىن كىچىك بىر قورا جاي سېتىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بىز شۇ مەھەللىلىك بولۇپ قاپتۇق.

    دادام ئانچە ساۋاتلىق بولمىسىمۇ، قۇلاق موللىسى ئىدى. ئۇ نامازنى كۆپ ئوقۇيتتى، قولىدىن تەسۋى چۈشمەيتتى. دادام ئاپامنى تالا - تۈزگە چىقارمايتتى، ئاپامنىڭ ئۆگزىگە چىقىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قالسا، سەپراسى ئۆرلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىچارە ئاپام سۇس يورۇق چۈشۈپ تۇرىدىغان زەي ئۆيدە ئەتىدىن كەچكىچە ئۆي ئىشىنى قىلاتتى، قولى بوشىسا ياماقچىلىق، كەشتە تىكىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. تار ھويلىمىزنىڭ ئۈستى يېپىق بولۇپ، پەقەت بىرلا ئورۇندا تۈڭلۈكى بار ئىدى. ئاپام ھويلىغا چىقسىمۇ، كۈننىڭ سېرىقىنى تۈزۈك كۆرەلمەيتتى. ئاخىر ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالماس بولۇپ قالدى. ئۇ ماڭا ناھايىتى ئامراق ئىدى. مەنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھېچ يەرگە كەتمەيتتىم. چۈجە مىكياننىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋالغاندەك مەنمۇ ئۇنىڭ بېقىنىغا كىرىپ ياكى ئالدىدا يۈكۈنۈپ، دۈمچەيگەن ھالدا بېشىمنى قۇچىقىغا قويۇپ ئولتۇراتتىم. ئاپام بولسا بېشىمنى، دۈمبەمنى زېرىكمەي سىيلايتتى. ئۇنىڭ يۇمشاق قوللىرى بەدىنىمدە ئايلانغانسېرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ياكى يېنىكلىشىپ قالغاندەك بولاتتىم - دە، ئاپامنىڭ مېھىر - مۇھەببەتلىك قۇچىقىدا شېرىن ئۇيقۇغا چۆمەتتىم.