-
ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاشكارىلىغان توققۇز چوڭ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى - [Onwersal]
2008-03-28
ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاشكارىلىغان توققۇز چوڭ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى
ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 15–- نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسى بىرتەرەپ قىلغان توققۇز چوڭ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىنى ئاشكارىلىدى.بۇ توققۇز چوڭ دېلو تۆۋەندىكىچە:
1.
شيې پىڭ، شياۋ جىچياڭ، گۇ شيا، شيې فېيلارنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا تەشكىللەش دېلوسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2007- يىلى 6 - ئايدا، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، شيې پىڭ قاتارلىقلارنى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ گۇمانلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
شيې پىڭ قاتارلىقلار مەلۇم داڭلىق ماركىلىق كالا ئوغۇز سۈتى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتىنى سېتىش جەريانىدا، مەھسۇلاتنى زاۋۇت باھاسى بويىچە زاكاز قىلغاندىن كېيىن، باھاسىنى بەش ھەسسە ئۆستۈرۈپ، توققۇز ‹‹قاتلام›› بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ، ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال سوممىسىنى بېكىتىش ھەم تور ھەققى، ماتېرىيال ھەققىنى قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق سودا تورىدىن پايدىلىنىپ ئەزا كۆپەيتكەن. ئەزالارنىڭ يەنە داۋاملىق ئەزا كۆپەيتىشىگە رۇخسەت قىلغان ھەم ئەزالارنىڭ مەھسۇلات سېتىۋېلىش سوممىسى بويىچە، قاتلىمىغا قاراپ%5 تىن %20 كىچە پايدا بەرگەن. شيې پىڭ قاتارلىقلار مۇشۇ ئۇسۇلدا شاخلىتىپ سېتىپ 1 مىليون 620 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان.
شيې پىڭ، شياۋ جىچياڭ، گۇ شيا، شىيې فېيلارنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلغاچقا، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەدلىيە ئورگىنى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.2.
چېن يەنخۇ، جياڭ يۇمىڭ، نىڭ شېڭجۈەن، دوڭ فېڭپىڭ قاتارلىقلارنىڭ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى
2007- يىلى 7 - ئايدا، ئامما چېن يەنخۇ قاتارلىقلارنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسىدە ئامېرىكىنىڭ ‹‹پەرىشتە سېلىنما فوندى››نى يەمچۈك قىلىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. ئۇلار: پەرىشتە فوندىغا مەبلەغ سالسا كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، 1000يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئەزا بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئەزا تونۇشتۇرسا، شۇ ئەزانىڭ سېلىنمىسىنىڭ%10 ىنى مۇكاپات قىلىپ بېرىمىز، بىۋاسىتە تونۇشتۇرغان ئەزاسى ئالتىدىن ئاشسا، شۇ ئالتەيلەننىڭ تونۇشتۇرۇش مۇكاپاتىدىن باشقا يەنە شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش قاتلام ئەزانىڭ سېلىنمىسىنىڭ%2ى بويىچە ۋاسىتىلىك تونۇشتۇرۇش مۇكاپاتى بېرىمىز. 3000يۈەن مەبلەغ سالغان ئەزا يەنە بىر ئەزا تونۇشتۇرسا، شۇ ئەزانىڭ سېلىنمىسىنىڭ %12 ىنى ھەم شۇ ئەزادىن كېيىنكى ئۈچ قاتلام ئەزانىڭ سېلىنمىسىنىڭ%2ىنى مۇكاپات قىلىپ بېرىمىز. بىۋاسىتە تونۇشتۇرغان ئەزاسى ئالتىدىن ئاشسا، شۇ ئالتەيلەننىڭ بىۋاسىتە تونۇشتۇرۇش مۇكاپاتىدىن باشقا يەنە كېيىنكى بەش قاتلام ئەزانىڭ سېلىنمىسىنىڭ %2.2ى بويىچە ۋاسىتىلىك تونۇشتۇرۇش مۇكاپاتى بېرىمىز، دەپ جار سالغان. دېلو پاش بولغانغا قەدەر ئۇلار 162ئەزا قوبۇل قىلغان بولۇپ، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 1مىليون 112مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
چېن يەنخۇ، جياڭ يۇمىڭ، نىڭ شېڭجۇەن قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلغاچقا، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.3.
جو شياۋچىنىڭ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى
ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، شىخەنزە شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2007- يىلى 1 - ئايدا جۇ شياۋچىنى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ گۇمانلىنىپ ....新疆| 维吾尔族| 中国免费域名|英语






