•  بۇ توي زادى كىمنىڭ؟


    بۇلتۇر ئورۈمچىدە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىغا قاتناشتىم.ئەسلىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بۇ شەھەردىكى تويغا قاتنىشىۋاتقانلىغىمدىن ئىنتايىن خوشال ئىدىم،ئەپسۇس توي ئاخىرلاشقاندا بىرقىسما بولۇپ قايتتىم.بۇ توينى سۇننەت توي دىگەندىن كۆرە دوستۇمنىڭ جۇگان تويى دىگەن تۈزۈكتەك قىلاتتى.توي باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە مەن توينىڭ باش قەھرىمانىنى كۆرۈپ بااقمىدىم.ئەمما دوستۇم بولسا 5 خىل كىيىم 5خىل گىرىم بىلەن مىنىڭ كۆز ئالدىمدا پىرقىراپ يۈرەتتى.سورۇن باشلىنىپ ئاخىرلشقىچە بولغان جەرياندا دوستۇمنى مەركەز قىلغان تەبرىك سوزلەر ئۈزۈلۈپ قالمىدى.بۇغۇ مەيلى ئەمما كامىرامۇ دوستۇمنى مەركەز قىلىپ ئايلىناتتى،دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە بۈگۈن مۇشۇ توي ئۈچۈنلا 5مىڭ يۇئەنلىك كىيىم كىيىپتۇ،يولدىشى ۋە ئوغلى 2مىڭ 5يۈز يۇانلىك كىيىم كىيىپتۇ. قىلدۇرغان گىرىمىمۇ مىڭ يۇاندىن كەم ئەمەس ئىكەن.مىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى توينىڭ ئەتىسى ئەتتىگەنلىك چايدا ئولتۇرۇپ دوستۇمنىڭ ئېيتقان گېپى بولدى:"شۇنچە ئارزۇلاپ ،يىمەي ،كەيمەي پۇل يىغىپ ،نۇرغۇن جاپا تارتىپ قىلغان ئىدىم بۇ توينى،ئەمما كۆڭلۈمدىكىدەكبولمىدى،ئىتىزاتتىن قىسىلىپ قالمىغان بولسام پۈتۈن ئۈرۈمچىگە داڭ كەتكۈزىۋېتاتتىم ئەمەسمۇ،ئېسىت"دىدى دوستۇم ئۇلۇق كىچىك تىنىپ،مەن گەپ قىلىشنى توغرا تاپقھن بولسممۇ مېھمان بولغانلىقىم ئۈچۈن 。。。