• يېقىندىن بىرى گوگىل ئېلانى ئېلىش جۇڭگۇدىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن قىيىن بر مەسىلە بۇلۇپ قالدى.
    مەنمۇ 5~6 قېتىم ئىلتىماس قىلىپ باقتىم. ئەمما... يەنىلا رەت قىلىندى.
    ئاخىر مەن گوگىلدا ئىشلەيدىغان بىر ئىنگىلىزنىڭ بىلوگىدىن تۈۋەندىكى تەكلى...
  •     نىياز كېرىم شەرقىي نىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

    ئۇيغۇر خەتتاتلىق ساھەسىدىكى يۇلتۇز بۇلۇپ چاقنىغان نىياز كىرىم شەرقي ئەپەندىمنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە خەتتاتلىق .


  • خۇتەن چىرادا ئولىمپىك باشلاندى!

    ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كىلىشى  بىلەن خۇتەن چىرا ناھىيىسى خەلقى ئولىمپىكنى

  • يازدا بوۋىقىڭزنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەڭ
    مۈتەخەسسىلەرنىڭ دېيشىچە ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۈپ ، يېڭى  تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەس يولىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، لېكىن
    شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم ئىكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا ...
  • LOST نىڭ 5-بۆلىمى ۋە 6-بۆلىمى ئىشلىنىدۇ


    ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان لوسىت يەنى ئېزىقىش ناملىق كۆپ قىسملىق فىلىمىنىڭ 5-بۆلىمى ئىشلىندىكەن،شۇنداقلا 6-بۆلىمى پىلانغا كىرگۈزۈلۈپتۇ.
    ئېزىقىش ناملىق كىنۇنى ئىشلەۋاتقان  ABC  تىلىۋىزىيىسى نۆۋەتتە 5-بۆلۈمنىڭ 16-قىسمىنى  2009-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇيۇپ تۈگىتىدىغانلىقىنى، ...


  • ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتى
    دۆڭ كۆۋرۈكتە ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق خەلىقنىڭ كۈزىچىلا ئەخلەت تۇڭىغا تاشۋىتىلدى
    تېخى تۈنۈگۈنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ھەرقانچە ئويلىماي دىسەممۇ كاللامغا كىرىۋالدى... ...
  • ئادەملىك گۇۋاھنامىسى
    ئاپتورى:يۇچىڭ


    پويىز كېتىۋاتاتتى، چىرايلىققىنە كەلگەن ئايال پويىز خادىمى ئىشلەمچى سىياقىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرگەقادالغىنىچە ئۈنلۈك قىلىپ:
    - بېلىتىڭىزنى كۆرۈپ باقاي،- دېدى.
    ئوتتۇرا ياشلىق كىشى پۈتۈن ئۈستۋاشلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاران دېگەندە بېلەتنى تاپتى، ئەمما بەرگۈسى كەلمەي بېلەتنى مەھكەم سقىمداپ تۇردى. پويىز خادىمى ئۇنىڭ قولىدىكى بېلەتكە قارىۋېتىپ:
    -بۇ ئۆسمۈرلەر بېلىتىكەنغۇ؟_دېدى.
    ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ يۈزى ھۈپپىدە قىزاردى،ئۇ دۇدۇقلىغىنىچە:
    - ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشكەنغۇ؟_ دېدى.
    ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتى باھاسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى پويىز خادىمى ئەلۋەتتە بىلەتتى، پويىز خادىمى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۈستىۋاشلىرىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
    - سىز مېيىپمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
    - شۇنداق، مەن مېيىپ.
    - مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە كۆرۈپ باقاي،- دېدى پويىز خادىمى. ئوتتۇرا ياشلىق كىشى جىددىلىشىپ كەتتى، ھەمدە:
    - مېنىڭ.... مېيىپلىق گۇۋاھنامەم يوق، بېلەت ئالىدىغان چاغدا بېلەت ساتقۇچى مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭ دېگەنتى ئامالسىز ئۆسمۈرلەر بېلىتى سېتىۋالغانتىم.- دېدى. پويىز خادىمى سوغۇق كۈلدىدە:
    - مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭزى بولمىسا سىزنى قانداقمۇ مېيىپ دېگىلى بولسۇن؟
    ئوتتۇرا ياش كىشى گەپ قىلماستىن ئاستا ئايىغىنى سالدى ھەمدە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىنى تۈرىۋەتتى- ئۇنىڭ پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئىدى.پويىز خادىمى سىڭايان قارىۋېتىپ:
    - مەن مېيىپلىق گۇۋاھنامىسىنى كۆرىمەن! مۇقاۋىسىدا «مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» دېگەن خېتى بار، مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ پولات تامغىسى بېسىلغان كېنىشكىنى دەۋاتىمەن!- دېدى.
    ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يىغلامسىرىغان ھالدا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
    - مېنىڭ نوپۇسۇم بۇجايدا بولمىغاچقا مېيىپلار بىرلەشمىسى بېجىرىپ بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شەخسىينىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن خوجايىن قېچىپ كەتتى، دوختۇرخانىدا مېيىپلىقنى باھالىتىدىغانغا پۇلۇم يوق شۇڭا.....
    پويىز باشلىقىمۇ بۇ يەردىكى ئىشنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدىدە، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
    ئوتتۇرا ياشلىق كشى ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىنى، مېيىپلار بېلىتى بىلەن ئوخشاش باھادىكى ئۆسمۈرلەر بېلىتى ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن پويىز باشلىقىمۇ:
    - بىز پەقەت گۇۋاھنامىنىلا ئېتىراپ قىلىمىز، مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز بولمىغاندىن كېيىن مېيىپلار تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالمايسىز، سىز ...

  • تۈۋەندىكىسى قۇرسىقىدا بالىسى بار ئەركىشى بۇلۇپ قۇرساقتىكى بالىسى ناھايتى ساغلام ئىكەن. تەپسىلاتىنى كۈرۈپ بېقىڭە 

     

     

  • [ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻗﯩﺴﻰﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ، ﺋﯩﮕﻪﺭ- ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﭽﻰ - ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﻪﻙ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .

        ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻧﻰﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ،ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯜﻛﯩﻨﻰﺋﯧﭙﻜﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ .

    ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﺷﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ : << ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﯓ ﻛﯜﭼﯜﻙﺗﯘﻏﺪﻯ >> ﺩﻩﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺩﻩﺭﻏﻪﺯﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺗﻮﻗﺎﻟﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺷﯘ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﮬﯩﻴﻠﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ : << ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻠﻪ ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ، ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺎﻱ >> ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﻏﺎﻥﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯘ .

        ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ . ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ . ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯜﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭙﻜﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ : << ﻣﺎﻧﺎ ، ﺳﯧﻨﯩﯔﺗﻮﻗﺎﻟﯩﯔ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺗﯘﻏﺪﻯ . ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥﺭﻩﺳﯟﺍﭼﯩﻠﯩﻖ >> ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﭙﺘﯘ . ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺗﻮﻗﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ .

          ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ :

  • ئادەم ئاتىنىڭ پانىي دۇنياغا قوغلانغانلىقى
    ئىنسانلار تېخى ئاپىرىدە بولمىغان چاغلاردا ئادەم ئاتا ئۆزى تەنھا باقىي جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ئۆتىدىكەنمىش.
    جەننەتنىڭ سۈپسۈزۈك كەۋسەر سۇلىرى ناۋاتتىنمۇ تاتلىق بولۇپ، ئىچكەن ئادەمنى ياشارتىدىكەنمىش. جەننەت باغلىرىدىكى يىلبويى مەي باغلاپ پىشىپ تۇرىدىغان شەربەت مېۋىلەر، ئېتىز - دالىلاردىكى پىشىپ تۇرىدىغان ئالتۇن رەڭ بولۇق ئاشلىقلار پۇراپ قويغان ھامان ئادەمگە لەززەت ۋە قۇۋۋەت بەخش ئېتىدىكەنمىش. شۇڭا، ئاشلىق ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى ئۈزۈپ يېيىش مەنئى قىلىنغان ئىكەنمىش.
        ئادەم ئاتا جەننەت باغلىرىدا ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇپ، ھۇزۇر-ھالاۋەت سۈرۈپ ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىبلىس(شەيتان)پەيدا بولۇپ، ئادەم ئاتىنى شېرىن-شەربەت مېۋىلەردىن ۋە ئالتۇن رەڭ ئاشلىقلاردىن تېتىپ بېقىشقا دەۋەت قىپتۇ. ئادەم ئاتا دەسلىپىدە ئىبلىسنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، باقىي جەننەتنىڭ شەرت، يوسۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل