سېتىۋالدى باي ۋە ياردەم شىركىتى
سېتىۋالدى باي ۋە ياردەم شىركىتى
قۇربان ھېلىم
سېتىۋالدى باي ئاتۇشتىن ئەنجانغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋەتەن سۆيەر تەرەققىپەرۋەر ، تىجارەتكە ماھىر ئېزىز ئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە 1882 – يىلى دۇنياغا كەلگەن .
ئېزىز ئاخۇن ئۆز پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش مەقسىتىدە ئۇنى كىچىكىدىنلا مەكتەپ تەربىيىسىگە بەرگەن ھەم ئۇنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە شارائىت يارىتىپ بەرگەندى . سېتىۋالدى باي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بېرىلىپ بىلىم ئىگىلىگەن ، چوڭ بولغنسېرى ئەقلى ئۇلغىيىپ دادىسىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياخشى قولقانات بولغان .