• مەۋلاننىڭ قەشقەر قىزى، پاتىمەنىڭ كۆينەگى دىگەن ناخشىللىرىنى ئاڭلىغانبولغىيدىڭىز.

    ئۇنىڭ مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يامان ئەمەس.  ناخشىلللىرى بەك ياخشى. ئۇنداقتا كىلىپ ئاڭلاپ بېقىڭ.

    ئاڭلاپ بۇلۇپ ناخشايارىسا ئېلان چىىكىپ قۇيۇڭ.يارىمىسا مەيلى كىرەك يوق چەكمەڭ. كىيىنكىقېتىم تېخىمۇ ياخشى يازما يوللانغان ۋاقىتتا چىكىپ قۇياسىز.

    بۇ ناخشىنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسى : بىلىم سەيناسى ( بىلىم بىلوگى). كۈچۈرگۈچىلەر چۇقۇم مەنبە ئادرىھسىنى چۇقۇم بىللە ئەسكەرتىڭ.

     


  • ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتى
    دۆڭ كۆۋرۈكتە ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق خەلىقنىڭ كۈزىچىلا ئەخلەت تۇڭىغا تاشۋىتىلدى
    تېخى تۈنۈگۈنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ھەرقانچە ئويلىماي دىسەممۇ كاللامغا كىرىۋالدى... ...
  • ئازابنى سۇيۇلدۇرۇڭ
    ئەگەر بىر قوشۇق تۇزنى بىر ئىستاكان سۇغا سېلىپ ئىچسىڭىز ئىچىش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ . ئۇنداق قىلماي ئۇنى بىر چېلەك سۇغا ۋە ياكى كۆل سۈيىگە تۈكىۋېتىپ ئىچسىڭىز ئۇ چاغدا ئەھۋال ھەقىقەتەن باشقىچە بۇلىدۇ .
    تۇرمۇشتىكى ئازابلارمۇ خۇددى مۇشۇ قۇشۇقتىكى تۇزغا ئوخشايدۇ . ئازمۇ ئەمەس ، كۆپمۇ ئەمەس . ئوخشاش دەرىجىدىكى ئازابلارنى چەككەن چاغدىكى تۇيغۇمىز بىزنىڭ ئۇنى قانداق ئۇرۇنغا قويىشىمىزغا باغلىق . شۇڭا سەن ئازابقا دۇچار بولغان چېغىڭدا ، قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىڭ سىنىڭ شەيئىلەرگە قاراشتىكى نەزىرىڭنى ئېچىش . ھەرگىزمۇ ئۇنى بىر ئىستاكان سۇغا تۆكمەي ، كۆل سۈيىگە تۈكۈپ سۇيۇلدۇر .
    مەنبە :" تەرمىلەر ژورنىلى " دىن ئېلىندى
    سىزدىمۇ ئازاب دەرىخى بارمۇ ؟
    بىر توروبا ئىشچىسىنىڭ تەلىيى تولىمۇ تەتۈر كەپتۇ ، باشتا ماشىنىسىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كىتىپتۇ
  •  بۇ توي زادى كىمنىڭ؟


    بۇلتۇر ئورۈمچىدە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىغا قاتناشتىم.ئەسلىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بۇ شەھەردىكى تويغا قاتنىشىۋاتقانلىغىمدىن ئىنتايىن خوشال ئىدىم،ئەپسۇس توي ئاخىرلاشقاندا بىرقىسما بولۇپ قايتتىم.بۇ توينى سۇننەت توي دىگەندىن كۆرە دوستۇمنىڭ جۇگان تويى دىگەن تۈزۈكتەك قىلاتتى.توي باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە مەن توينىڭ باش قەھرىمانىنى كۆرۈپ بااقمىدىم.ئەمما دوستۇم بولسا 5 خىل كىيىم 5خىل گىرىم بىلەن مىنىڭ كۆز ئالدىمدا پىرقىراپ يۈرەتتى.سورۇن باشلىنىپ ئاخىرلشقىچە بولغان جەرياندا دوستۇمنى مەركەز قىلغان تەبرىك سوزلەر ئۈزۈلۈپ قالمىدى.بۇغۇ مەيلى ئەمما كامىرامۇ دوستۇمنى مەركەز قىلىپ ئايلىناتتى،دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە بۈگۈن مۇشۇ توي ئۈچۈنلا 5مىڭ يۇئەنلىك كىيىم كىيىپتۇ،يولدىشى ۋە ئوغلى 2مىڭ 5يۈز يۇانلىك كىيىم كىيىپتۇ. قىلدۇرغان گىرىمىمۇ مىڭ يۇاندىن كەم ئەمەس ئىكەن.مىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى توينىڭ ئەتىسى ئەتتىگەنلىك چايدا ئولتۇرۇپ دوستۇمنىڭ ئېيتقان گېپى بولدى:"شۇنچە ئارزۇلاپ ،يىمەي ،كەيمەي پۇل يىغىپ ،نۇرغۇن جاپا تارتىپ قىلغان ئىدىم بۇ توينى،ئەمما كۆڭلۈمدىكىدەكبولمىدى،ئىتىزاتتىن قىسىلىپ قالمىغان بولسام پۈتۈن ئۈرۈمچىگە داڭ كەتكۈزىۋېتاتتىم ئەمەسمۇ،ئېسىت"دىدى دوستۇم ئۇلۇق كىچىك تىنىپ،مەن گەپ قىلىشنى توغرا تاپقھن بولسممۇ مېھمان بولغانلىقىم ئۈچۈن 。。。

  • ئۇيغۇر نەزىرىدىكى ئامرىكا

    ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئامىرىكا ھازىر دۇنيانىڭ خۇجىسى ۋە نەزىرىمىزدىكى ( ئاتالمىش ) ئادالەتپەرۋەر ،كىشلىك ھۇقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى شۇنىڭدك ھەرقايسىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كوز -قارشى ئوخشاش ئەمەس . شۇنىڭدەك مىنىڭمۇ شەخسەن ئۇنىڭغا بولغان كوز -قاراشلىرىم بار ،مەن بۇيەردە قۇرۇق گەپ ساتماقچى ئەمەس بەلكى ھەرقايسىڭلار بىلەن پىكىردە ئورتاقلىشىپ باقماقچى ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن باشلاپ ئامرىكا ھۈكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى غايەت زور ئاشتى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زومىگەر دۈلەتكە ئايلاندى ،بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ قۇرال -ياراق سودىسىدىن باشقا يەنە ئۇرۇشتىن ۋە دولەت قوغداشتىن كىلىدىغان كىرىمى ناھايىتى نۇرغۇن ،بۇنىڭدىكى يەنە بىر چوڭ سەۋەپ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئامرىكىنى ئۇز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى . يەھۇدىيلار بولسا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور خەۋپ ، ئۇلار ئامرىكىدىن پايدىلىنىپ پەلەستىندە زوراۋانلىق بىلەن زىمىن ئىگەللىدى ،نۇرغۇن غەرىپ دولەتلىرى نۇمۇس قىلماستىن ئۇلارنى قوللاۋاتىدۇ ھەم قوللىدى ،ئۇلار شۇدەرجىدە ھەييارلىق قىلدىكى پۇتكۇل دۇنيانى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇردى ،پەلەستىن ،ئىراق مىسىر كۇۋەيت .ئىران يەنە ساناقسىز دولەتلەرنى ۋەيران قىلىپ ئۈزىنىڭ پەس نەپسىنى قاندۇردى...

  • ھەممەيلەنگە مەلۇم، بىزنىڭ ئەللەي ناخشىللىرىمىز بار. ئەمما بۇ ناخشىلار پەقەت ئانىلىرىمىزنىڭ  يۈركىدىلا. مەيلى توردا ياكى سىرىتتىن ئىزدەيلى ئەللەي ناخشىسىنى تاپالمايمىز. ئەمما بۇ ناخشا بەلكىم سىز ۋە مەن ئىزدىگەن  ئەللەي ناخشىسىنىڭ ئۈزى بۇلىشى مۈمكىن. 

  •  تالاغا قارىغان ئەر-ئوغۇللار سەمىگە شۇنى سالىمىزكى- سۆيگەن ئايالىڭنى ئۇنۇتما

    ئەرلەر نىمىشقا ئاسانلا تالاغا قارپ قالىدۇ

    توي قىلغاندىن كىيىن ،ناۋادا مۇھەببەتنى يىتىلدۇرۇشكە دىققەت قىلمىسا ئەر -ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى تېتىقسىز تۇرمۇش كۇندىن كۇنگە داۋاملىشىۋەرسە بەزى ئەرلەردە قايناق ھىسىياتىنى قۇغلىشىدىغان ھەۋەس پەيدا بولۇپ قېلىشى ،ھەتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان ئەھۋھللارنىڭ كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .تەلەيمۇ ياكى باخىتسىزلىكمۇ ،ئەرلەر خىزمەت ئۇرۇنلىرىغا بارغاندا ،ھامان بىر قىسىم قىزلار ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بولۇپ تۇردۇ .ئۇلارنىڭ گۇزەل جامالى ،كىلىشكەن تەقى -تۇرقىغا قارپ ئەرلەر ھەۋەسلەنمەي تۇرالمايدۇ .
          ئەرلەر كوپ ھاللاردا مۇئەييەن ئۇرۇنغا ئىگە بولغان بولىدۇ ،ئادەتتە ئۇلار باشلىقلىق سالاھىتى بىلەن ياش ،خىزمەت تەجىربىسى كەمچىل بولغان ئاياللارنى باشقۇردۇ .بۇ خىل ھەم باشقۇرۇش ھەم قانات ئاستىغا ئېلىشتەك خىزمەت مۇناسىۋىتى قەريانىدا ئۇلار ئوتتۇرسىدا تاشقىرى يېقىنچىلىق مۇناسىۋەت ئاخىر بېرىپ سۇيگۇ -مۇھەببىتنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ .
          ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شىركەت ۋە ئىدارىدە كۇچكە تولغان ھەم مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۇستىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار ئويگە قايتىقان ئەھۋھلدىمۇ تاماق يىيىش ،ئۇخلاشتىن باشقا ھىچقانداق ئىش قىلمايدۇ .يەنە ئەتىسى تاڭ ئاتا -ئاتمايلا قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ ئىدارىسىغا ۋا ئىشىغا ماڭىدۇ .شۇڭا ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولىدىغان چاغلىرى بىرگە ئىشلەيدىغان ياش چۇكانلارغا قارغاندا كوپ ئاز بولىدۇ .ئۇزۇن مەزگىل بىللە ئىشلەش نەتىجىسىدە ئۇلار ئارسىدا تەبى ھالدىلا مۇھەببەت شەكىللىنىپ قالىدۇ .

     

     

    [يۇقارقى ناخشىنى سەمىڭىزلارغا سۇندۇم. بۇ تۇلىمۇ ئىسىل ناخشا!]
          ئۇنىڭ ئۇستىگە بالىلىق بولغان كۇپىنچە ئاياللار بالا بېقىش ،بالا تەربىلەش ،ئاش -تاماق ئىتىش ،كىر -قات يۇيۇش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كىتىپ ،ئوزىنى ياساشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ .ئەرلەر بولسا ئويدە ھىچ ئىش قىلماي قېتىپ ياسىنىپ يۇرگەچكە شىركەت ۋە ئىدارىدىكى ئاياللارنىڭ زوقىنى كەلتۇردۇ ،ھەمدە مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ياش چۇكانلار ئىشقا كەلگەندە ،چىرايلىق ياسىنىپ كىلىدۇ ،ئادەتتە قول ئاستىدىكى ئاياللارنىڭ ئازراقلا قەلىپ قىلىش كۇچى بولىدىكەن كوپ ساندىكى ئەرلەر ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ .

  • ھەممىمىز ئىزدەۋاتقان ئەللەي ناخشىسى   

    ھەممىمىز ئىزدەۋاتقان ئەللەي ناخشىسى 

     

     

  • خەلىق ناخشىسىدىن بىركۈرۈنۈش

  • دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك ماشىنا ئادەم         
    ئىسرائىلىيە  ئالىملىرى  يېقىندا،  دۇنيا  بويىچە  ئەڭ  كىچىك  ماشىنا  ئادەم  ياساپ  چىققان  بولۇپ،  بۇ  خىل  ماشىنا  ئادەم  ئادەمنىڭ  قان  تومۇرىغا  كىرىپ،  دورىنى  ئورگانىزمنىڭ  ھەر  قانداق  يېرىگە  يەتكۈزۈپ  بېرەلەيدىكەن.  بۇ  خىل  ماشىنا  ئادەمنىڭ  قان  تومۇردىكى  ھەرىكىتى  «سۇ  ئۈزۈش»  شەكلىدە  بولماستىن  بەلكى  «ئۆمىلەش»  شەكلىدە  بولغاچقا،  ئۇنىڭ  ھەرىكىتىنى  تىزگىنلەش  ناھايىتى  قۇلايلىق.  يېڭى  تىپتىكى  ماشىنا  ئادەمنىڭ  مېخانىك  قولى  بولۇپ،  قان  تومۇر  دىۋارىنى  تۇتالايدۇ  ھەمدە  قاننىڭ  ئېقىش  يۆنىلىشىگە  قارشى  ماڭالايدۇ.  ئۇنىڭغا