• ئازابنى سۇيۇلدۇرۇڭ - [ئائىلە ۋە تۇرمۇش]

    2008-04-23

    ئازابنى سۇيۇلدۇرۇڭ
    ئەگەر بىر قوشۇق تۇزنى بىر ئىستاكان سۇغا سېلىپ ئىچسىڭىز ئىچىش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ . ئۇنداق قىلماي ئۇنى بىر چېلەك سۇغا ۋە ياكى كۆل سۈيىگە تۈكىۋېتىپ ئىچسىڭىز ئۇ چاغدا ئەھۋال ھەقىقەتەن باشقىچە بۇلىدۇ .
    تۇرمۇشتىكى ئازابلارمۇ خۇددى مۇشۇ قۇشۇقتىكى تۇزغا ئوخشايدۇ . ئازمۇ ئەمەس ، كۆپمۇ ئەمەس . ئوخشاش دەرىجىدىكى ئازابلارنى چەككەن چاغدىكى تۇيغۇمىز بىزنىڭ ئۇنى قانداق ئۇرۇنغا قويىشىمىزغا باغلىق . شۇڭا سەن ئازابقا دۇچار بولغان چېغىڭدا ، قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىڭ سىنىڭ شەيئىلەرگە قاراشتىكى نەزىرىڭنى ئېچىش . ھەرگىزمۇ ئۇنى بىر ئىستاكان سۇغا تۆكمەي ، كۆل سۈيىگە تۈكۈپ سۇيۇلدۇر .
    مەنبە :" تەرمىلەر ژورنىلى " دىن ئېلىندى
    سىزدىمۇ ئازاب دەرىخى بارمۇ ؟
    بىر توروبا ئىشچىسىنىڭ تەلىيى تولىمۇ تەتۈر كەپتۇ ، باشتا ماشىنىسىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كىتىپتۇ ، ئارقىدىنلا توك ئۈشكىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ ، ئاخىرىدا ماشىنىسى كاردىن چىقىپتۇ . ئۇنى ياللىغان ئادەم ئىلاجسىز ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بىلەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ . ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ، چىرايى غەزەپتىن پۈرۈلۈپ كەتكەن توروبا ئىشچىسى ئۆيگە كىرىشكە ئالدىرىماستىن بىردەم جىمجىت تۇرىۋاپتۇ ھەمدە ئىككى قولى بىلەن ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى بىر تۈپ دەرەخنى سىلاپ قويۇپتۇ . ئايالى ئىشىكنى ئاچقان چېغىدا ، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىغىنى كۆرۈپتۇ . ئۇنى ياللىۋالغان ھېلىقى ئادەم ھەيران بولغان ھالدا : " بايا ئىشىك ئالدىدا قىلغان ھەرىكىتىڭىزنىڭ نىمە مەنىسى بار ؟ " دەپ سورىغانىكەن ، ئىشچى كۈلۈپ تۇرۇپ : " ئۇمىنىڭ ئازاب دەرىخىم ، مەن سىرتتا ئىش قىلغاندا ئۇ بۇ كۈڭۈلسىزلىكلەردىن خالىي بۇلالمايمەن ، لىكىن ئاچچىقىنى ئۆيگە سۆرەپ كىرگۈم كەلمەيدۇ . شوڭا ئۇنى ئاشۇ دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ ، ئەتىسى ئىشقا ماڭغاندا ئالغاچ كىتىمەن . قىززىق يىرى شۇكى ، مەن ئەتىسى ئىشغا ماڭغاندا ئۇ ئاچچىقنىڭ تەڭدىن تولىسى غايىب بولغان بولىدۇ ." دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
    سەن چۇقۇم : " خوشاللىق بىلەن ئازاب خۇددى پۇل بىلەن ئەخلەتكە ئوخشايدۇ ، ئۇلارنى ساقلاپ قويغىلى ھەم تاشلىۋەتكىلى بۇلىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى خوشاللىق ، خىيال ، ئەسلىمە ، ئازاب ۋە نامەلۇم كەلگۈسى دىگەنلەر بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن تۇرسا ، خالىغانچە ئايرىم يەرگە ئېسىپ قويغىلى بۇلامدۇ ؟ " دەپ رەددىيە بىرىشىڭ مۇمكىن .
    مىنىڭچە ، بۇ مۈشكۈلاتنى يېڭىشكە كۆپ ئەقىل كەتمەيدۇ ، ئەمىليەتكە باقساقلا كۇپايە : ئازابنى دەرەخكە " ئېسىپ " قويمىسا ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ ؟ توروبا ئىشچىسىنىڭ قاپاقلىرى چۈشۈپ ئەبجەق ماشىنىسىغا قاراپ تۇرسا ئەتىسى ئوڭلىنىپ قالمايدۇ ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ . ئۇنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇپ ، ئايالىغا گەپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ .بالىلىرىنى ئەركىلەتمەيدۇ . كەچلىك تاماق ۋاقتىدىكى كەيپىياتىمۇ سۇسلاپ كېتىدۇ ، ئاندىن ئاچچىق گەپلەر ، ئۇرۇش - جېدەل باشلىنىدۇ ، كونا باش قېتىنچىلىقىغا يېڭى باش قېتىنچىلىقى قوشۇلىدۇ . بۇ تېخىمۇ نەس باسقانلىق ئەمەسمۇ ؟
    ئازاب دەرىخى ئىشىك ئالدىدا بولۇش شەرت ئەمەس ، ئۇنى شەكىلسىز ھالدا قەلب ئېتىزىڭىزغا تىكىۋالسىڭىزمۇ ياكى مەلۇم بىر شەكىلدە قوللانسىڭىزمۇ ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق قورسىقىڭىزنى بوشىتىپ ئۆز - ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . باشقىلارغا خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز ، شۇلارنىڭ ئۆزىمۇ سىزگە نىسبەتەن " ئازاب دەرىخى " نىڭ رولىنى ئوينايدۇ . ئازاب كىمدە يوق ؟ بىزدە كەم بولغىنى " ئازاب دەرىخى " . ئەگەر سەندە ئۇ يوق بولسا بىر تۈپ تىكىپ قوي !!!



发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我