-
ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتى - [ئۇيغۇر ئىتوپىگىرافىيىسى]
2008-04-23
ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتى
دۆڭ كۆۋرۈكتە ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق خەلىقنىڭ كۈزىچىلا ئەخلەت تۇڭىغا تاشۋىتىلدى
تېخى تۈنۈگۈنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ھەرقانچە ئويلىماي دىسەممۇ كاللامغا كىرىۋالدى...
.... يارىشىملىق، قارىماققا تۇلىمۇ كىشىملىك بىر قىز قۇلىدا كۈتۈرۋالغان چوڭراق تاماق قاچىسىنى ئۇدۇل ئەكىلىپ كۇچا ئابتۇبۇسى توختايدىغان بىكەتنىڭ يىنىدىكى ئەخلەت توڭىغا تاشلىۋىتىپلا كەينىگە بۇرۇپلا كىتىپ قالدى. شۇ ئارىدا ئەخلەت تۇڭى يېنىدا شۇ ئەتراپنىڭ تازلىقىغا مەسئۇل تازلىقچى ئايال يىپ يېڭى بىر تاماق قۇتىسىنىڭ تاشلىۋىتىلگەنلىكنى كۈرۈپ ئاشۇ ئايالدىن سوراپ ئىشلەتكۈسى كەلدى ۋە قىزنىڭ ئارقىسىن ۋاقىردى:
ھۇي ئۇكام، ....ھەي قىز...
قىز كەينىگە قاراپ قۇيۇپلا ئىنتايىن تىز قەدەملەر بىلەن ئادەملەر تۇپىغا سىڭىپ كەتتى.....
تازلىقچى ئايال بىر ئاز ھەيران بولدى ۋە ئەخلەت تۇڭىدىن تاماق قۇتىسىنى ئالدى. تاماق قۇتىسى خېلىلا ئېغىر ئىدى. ئايال تېخىمۇ تەئەجۈپلىنىپ قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى، ئاچتىيۇ... تۇيۇقسىز ۋاقىرغىنىچە كەينىگە يىقىلدى.....
ئەتراپ بىردەمدىلا كىشىلەر بىلەن تولدى....
-نىمە بولغاندۇ؟ ، دىيىشىپ تاماق قۇتىسىدىن يېرىم چىقىپ قالغان يېڭى ھامىلىگە قاراپ كىشىلەر ھەممىنى بىلىشتى... ... ئاشۇ قىزغا لەنەت ئۇقىدى..... بىردەمدىلا ئەتراپتىكى ئەدەملەر، بىكارتەلەپلەر، ھەتتا قۇراللىرىنى بەتلىشىپ شۇ كۇچىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ يغىلىشتى.
مەنمۇ ماشىنا ساقلاپ شۇ نەق مەيداندا بولغاچقا كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ كىردىم.... ئاھ خۇدا....بەندىلىرىڭنى ئۆز پانايىڭدا ساقلىغايسەن، ئىمان، ئىنساپ بەرگەيسەن....
تاماق قۇتىسىدا مۇددەتتىن بىرئىككى ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان بىر قىزىل ئەتلىك بوۋاق تۈگەلگىنىچە ياتاتتى...
--ھوي قاراڭلار، بايا بىر مىدىرلىغان ئىدى ئاۋۇ بالا... ھازىر جىمتىلا تۇرىدۇ... تىنىقتىن قالغانمىدۇ...
-ھە.. قاراپ باقىلى...
- ھە شۇنداق قاراپ باقىلى...... شۇنداق دىيىشتىيۇ شۇنچە جىق ئادەملەر ئىچىدىن يۈرەكلىك ھالدا بىرسى چىقىپ قاراشقا پىتىنالمىدى. راستىنى دىسەم مىنىڭمۇ ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنىچ ۋە تىترەك بېسىپ كەتتى....
- توپ ئارىسىدىن ئىككى قىز دەررۇ ئالدىغا چىقتى ۋە تاماق قۇتىدىسىكى بوۋاققا قول ئۇزاتتى. بوۋاق تۇغۇلغان پىتى تېخى يۇيۇلمىغان ئىدى. قىزلار ئۇ بوۋاقنىڭ تىنىقتىن قالغانلىقنى دىۋىدى...ئەتراپتىكىلەر بىردىنلا غولغۇلا قىلىپ ئاشۇ تاشلىۋىتىپ كىتىپ قالغان قىزنى تىللاپ كىتىشتى.
ئوڭغىچە توپ ئارىسىغا ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي قىستىلىپ كىردى دە بوۋاقنى ئاستا قۇلىغا ئېلىپ بىر نەرسىلەرنى دىگىنىچە تاماق قۇتىسىغا قايتىلاپ سالدى. ۋە تاماق قۇتىسىنى ئاۋايلىنىغىچە ئېلىپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئېيتتى:
ئې ئاللاھنىڭ بەندىللىىرى، ئەر-ئايال ، قىز-يىگىتلەر، ئۈزەڭلەرگە ئاگاھ بۇلۇڭلار! باشقىلارنى خارلىقتا قويغانلار ھامان ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بىلەن خارلىقتا قالىدۇ! ئەركىشى بولساڭلار نامازغا مېڭىشقايلا!
بوۋاي يەنئەن يۇلىدىكى مەسىچىت تەرەپكە ماڭدى. ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئەرلەر ، يىگىتلەر ، مىيىپ -توكورلار بوۋاي كەينىدىن ئەگەشىپ مەسىچىتكە مېڭىشتى.
ئەخلەت تۇڭىنىڭ يېنىدا بايىقى ئىككى قىزغا قۇشۇلۇپ بىر نەچچە ئاياللار كۆز يىشى قىىلىشقىنىچە بىزنىڭ كەينىمىزدىن قاراپ قېلىشتى. ئاياللار، قىزلار تاكى بىز ئىتتىپاق يۇلى دوقمىشىدىن ئۈتۈپ كەتكۈچە مىدىرلىماي تۇرىشاتتى.
بوۋاق مەسىچتكە كىرىپلا تۇلىمۇ ئاپپاق تاۋۇتلىنىپ چىقتى. نامازى چۈشۈرۈلدى. ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئا قىلىشتى. ئارىدا يىغلىغان ئەرلەرمۇ بولدى.
كۈپكۈندۈردە بولغان بۇ ئىشنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەچمىكىن تۇلىمۇ كۆڭلىم يېرىم بولدى.... ئاشۇنداق رەھىمسىز كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدا مەۋجۈت ئىكەنلىكىدىن سەسكەندىم.... ئاللاھتىن ئۇزاقتىن ئۇزاق تىلىدىم.
تۈنۈگۈندىن بىرى مۇشۇ ئىش كاللامغا كىلىۋىلىپ ئىختىيارسىز جىمىپ قالدىم. نىمە دىگەن رەھىمسىزلەر ئۇ؟ قانداق مەلئۇندۇ؟ ئاللاھتىن قورقىمامدىغاندۇ؟ .....
ئۇيغۇر جەمىيىتىگە بولغان باشقىچە كۆز قاراشلار قەلبىمنى ئىگىلەشكە باشلىدى. ئۇيغۇر جەمىيىتى قانچىلىك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ؟ ئۈرۈمچىلىكلەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى ياشاۋاتقالار قانچىلىك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ؟ قانچىلىك ئادەم ئادىمىيلىك سالاھىيەتكە تۇشىدۇ؟ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بارچە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ بۇ ئىشلار ئۇيغۇر لارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرمەمدۇ؟
... كاللام تۇلىمۇ چېچىلاڭغۇ. ئاشۇ ئىش كاللامغا كىرۋىلىپ نىرىۋىلىرىم بەك قالايمىقانلاشقان. ئۇيغۇر مىللىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر مىنى ھەر دائىم خىيالغا سالماقتا....
كىتىۋاتىمەن... ئۇيغۇرغا ئۆچ بۇلۇپ كەتسەممۇ ئەمما پۇتلىرىم ئاشۇ بوۋاق تاشلىۋىتىلگەن ئەخلەت تۇڭى بار كۇچىلارغا، دۆڭ كۆۋرۈك ، ئۇيغۇر بار كۇچىلارغا سۆرىمەكتە. ئاشۇ بۇزۇقچىلىقلاردىن سەسكىنسەممۇ ئەمما شۇ ئۇيغۇر بار كۇچىلارغا ھىرىسمەن ئىكەنمەن....
bilik tor bikitidin elindi.http://bilik.cn
随机文章:
PHP ساۋاتلىرى- PHPتوغرىسىدا چۈشەنچە 2008-03-29显示英文的广告 2008-03-26ئۇيغۇر تويلىرى قانداق بۇلىۋاتىدۇ؟ 2008-04-05







评论