-
ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ؟ - [ئەدەبىيات سەھپىسى]
2008-04-20
ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ؟
ئاپتورى:ئابدۇرىھىم مۇھەممەت
ئاياپ جوراڭنى قەھرىڭدىن ، ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ؟
يىگىتلىك پەيلى - پەخرىڭدىن ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟
سىنى چوڭ قىلغۇچە رەڭگى سۇنۇپ نە بولسا بولغاندۇ ،
تىنىپ شۇنداقمۇ ئەسلىڭدىن ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟بالاڭ - پۇشتىڭمۇ شۇ مەزلۇم قولىدا ، قوينىدا ئۆستى ،
گۇۋاھلىق يوقمۇ نەسلىڭدىن، ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟
ئاناڭ تىللانسا رەنجىڭ يوق،ئايالىڭ رەنجىدىن ئەنسىز ،
بولۇپ ئازمىشتا ئەقلىڭدىن ، ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟ئاناڭدا قەھرى - قەغىش يوق ، قىساس كىملەرنى تىلايدۇ ،
يىنىپ قال ئەمدى پەيلىڭدىن ، ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟مەنبەسى : شىنجاڭ ئايالىرى 2005-يىللىق 11-سانى
随机文章:
ھاياتىڭىزدا نىمىنى كەتكۈزۈپ قۇيۇپسىز؟ 2008-04-16چىن تۈمۈر باتۇر 2008-04-04ئەللەي ناخشىسى [ئۇيغۇرچە] 2008-04-01






