سىز تولىمۇ ياش زىرەكسىز غايىلەرگەتولغان ھاياتىڭىزنى ئاددىلا ئۆتكۇزىۋەتكۇڭىزيوق،نام-ئاتاق،بايلىق ۋە ھوقۇقا ئىرىشكۇڭىزبار.شۇ سەۋەبلىىك ھەمىشە قۇلاق تۇۋۇمدە زارلىنىسىز.
ھېلىقى داڭلىق ئالما نىمىشقا مىنىڭ بېشىمغا چۇشۇپ قالمىدى؟<<قەدىمكى مەرۋايىت>>ساقلانغان غايەت چوڭ قۇلۇلە قېپى نىمىشقا دائىم مەن سۇغا چومىلىدىغان دېڭىز قولتۇقىدىن ئەمەس ،باياۋاندىن چىقىدۇ؟ناپالىيون جوزىفقا ئۇچراپتۇ،يۇ نىمىشقا شۇنداق كىشىگە مەن ئۇچۇرمايمەن.
شۇنىڭ بىلەن سىزنى قوللاپ باقتىم دەسلەپتە ئارزۇ قىلغىنىڭىزدەك سىزگە ئالمىدىن بىرنى چۇشۈرۇپ بەردىم،بىراق سىز ئۇنى يەۋەتتىڭىز.بولمىغاندىكىن مەن شەكىل ئوزگەرتىپ باقتىم،سىز كوچىدا لاغايلاپ يۇرگىنىڭىزدە،غايەت چوڭ ئالماسنى يولىڭىزغا قويۇپ قويدۇم سىز ئۇنىڭغا پۇتلۇشۇپ يېقىلدىڭىز لىكىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا زەردە بىلەن ئۇنى تېپىپ چۇشۇرۋەتىڭىز .
ئاخىرى بولماي سىزنى ناپالىيونغا ئوزگەرتىپ قويدۇم ناپالىيوننىڭ تەقدىرىگە ئوخشاشلا سىزنى تۇرمىگە مەھكۇم قىلدىم گىنىراللىق ۋەزىپىڭىزنى ئېلىپ تاشلاپ قوشۇندىن قوغلاپ چىقاردىم ئاخىرى يېنىڭىزدا بىر تىيىنىڭ تايىنى يوق سىينا دەرياسى بويىغا تاشلاپ قويدۇم،جوزىفنى سىزنىڭ قېشىڭىزغا بېرىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرغاندا <<پولتوڭ>>قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى،ئەسلى سىز دەرياغا ئوزىڭىزنى ئاتقان ئىكەنسىز
ھەي!سىزنىڭ ئوتكىزىۋەتكىنىڭىز پەقەتلا پۇرسەتمۇ؟
سىز كىشلىك تۇرمۇشىڭىزدا نىمىگە ئەڭ ئىتىبارسىز قارىدىم دەپ ئويلايسىز؟ئۇنىڭ زىينى ھەقىدە ئويلاندىڭىزمۇ؟!