-
تالاغا قارىغان ئەر-ئوغۇللار سەمىگە شۇنى سالىمىزكى- سۆيگەن ئايالىڭنى ئۇنۇتما - [ئائىلە ۋە تۇرمۇش]
2008-04-01
تالاغا قارىغان ئەر-ئوغۇللار سەمىگە شۇنى سالىمىزكى- سۆيگەن ئايالىڭنى ئۇنۇتما
ئەرلەر نىمىشقا ئاسانلا تالاغا قارپ قالىدۇ
توي قىلغاندىن كىيىن ،ناۋادا مۇھەببەتنى يىتىلدۇرۇشكە دىققەت قىلمىسا ئەر -ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى تېتىقسىز تۇرمۇش كۇندىن كۇنگە داۋاملىشىۋەرسە بەزى ئەرلەردە قايناق ھىسىياتىنى قۇغلىشىدىغان ھەۋەس پەيدا بولۇپ قېلىشى ،ھەتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان ئەھۋھللارنىڭ كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .تەلەيمۇ ياكى باخىتسىزلىكمۇ ،ئەرلەر خىزمەت ئۇرۇنلىرىغا بارغاندا ،ھامان بىر قىسىم قىزلار ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بولۇپ تۇردۇ .ئۇلارنىڭ گۇزەل جامالى ،كىلىشكەن تەقى -تۇرقىغا قارپ ئەرلەر ھەۋەسلەنمەي تۇرالمايدۇ .
ئەرلەر كوپ ھاللاردا مۇئەييەن ئۇرۇنغا ئىگە بولغان بولىدۇ ،ئادەتتە ئۇلار باشلىقلىق سالاھىتى بىلەن ياش ،خىزمەت تەجىربىسى كەمچىل بولغان ئاياللارنى باشقۇردۇ .بۇ خىل ھەم باشقۇرۇش ھەم قانات ئاستىغا ئېلىشتەك خىزمەت مۇناسىۋىتى قەريانىدا ئۇلار ئوتتۇرسىدا تاشقىرى يېقىنچىلىق مۇناسىۋەت ئاخىر بېرىپ سۇيگۇ -مۇھەببىتنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ .
ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شىركەت ۋە ئىدارىدە كۇچكە تولغان ھەم مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۇستىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار ئويگە قايتىقان ئەھۋھلدىمۇ تاماق يىيىش ،ئۇخلاشتىن باشقا ھىچقانداق ئىش قىلمايدۇ .يەنە ئەتىسى تاڭ ئاتا -ئاتمايلا قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ ئىدارىسىغا ۋا ئىشىغا ماڭىدۇ .شۇڭا ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولىدىغان چاغلىرى بىرگە ئىشلەيدىغان ياش چۇكانلارغا قارغاندا كوپ ئاز بولىدۇ .ئۇزۇن مەزگىل بىللە ئىشلەش نەتىجىسىدە ئۇلار ئارسىدا تەبى ھالدىلا مۇھەببەت شەكىللىنىپ قالىدۇ .[يۇقارقى ناخشىنى سەمىڭىزلارغا سۇندۇم. بۇ تۇلىمۇ ئىسىل ناخشا!]
ئۇنىڭ ئۇستىگە بالىلىق بولغان كۇپىنچە ئاياللار بالا بېقىش ،بالا تەربىلەش ،ئاش -تاماق ئىتىش ،كىر -قات يۇيۇش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كىتىپ ،ئوزىنى ياساشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ .ئەرلەر بولسا ئويدە ھىچ ئىش قىلماي قېتىپ ياسىنىپ يۇرگەچكە شىركەت ۋە ئىدارىدىكى ئاياللارنىڭ زوقىنى كەلتۇردۇ ،ھەمدە مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ياش چۇكانلار ئىشقا كەلگەندە ،چىرايلىق ياسىنىپ كىلىدۇ ،ئادەتتە قول ئاستىدىكى ئاياللارنىڭ ئازراقلا قەلىپ قىلىش كۇچى بولىدىكەن كوپ ساندىكى ئەرلەر ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ .
بەزى ئەرلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ئۇرۇنسىز ەر -ئاياللار مۇناسىۋىتى ئېلىپ بېرىشتىكى باھانە -سەۋەبلەر ئىنتايىن تۇلۇق ،شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئاياللاردا ئوخشاش ئويى بولسىلا شىركەت ياكى ئىدارىدا ،بۇنداق ئەر باشقلار بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئېرىققا سۇ ئاققاندەكلا تەبى بولىدۇ .
ئەرلەرنىڭ تالاغا قارپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كوپ ،ئۇسۇلىمۇ نۇرغۇن ،ئالاھىدىلىكىمۇ ھەر خىل .يۇقۇرى تۇۋەنلىك مۇناسىۋەت بولغانكەن ،ئۇ ھالدا ئەرلەر ئىشتىن چۇشكەندىن كىيىن ئايال خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە رىستۇراندا بىللە تاماق يەپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىشمۇ نورمال ئەھۋال .گاھىدا تاماق يىگەندە ،ئاز تولا ھاراق ئىچىدىغان گەپ.ھاراقتىن كىيىن قىززىپ قالىدىغان گەپ .قىزىغاندىن كىيىن باشقا ئىشلارمۇ بولىدىغان گەپ ئەلۋەتتە .
شۇڭا ئاياللار ئەرلىرى بىلەن كوپلەپ بىرگە بولىشى ،ھەمسوھبەتتە بولىشى ،چىرايلىق ياسىنىپ يۇرشى ، ياخشى سوز -ھەركەتلەر بىلەن يولدىشىنى قارشى ئېلىشى ، پاكىزە مۇھىت يارتىپ بىرىشى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك .
تۈۋەندە بەزىلەر ئەرلەرنىڭ سىرىتقا قاراپ قالغاندىكى بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.
ئەرلەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن .........
. بېيجىڭلىق ئەر تالاغا قارىغاندىن كيىىن تالاغا قارىغۇچىنىڭ ئايالى شەخسى رازۋىت قىلىش ئورنىغا بېرىپ 2000 يۇەن بىرىدۇ دە- ئىرىنىڭ تالاغا قارىغان قىلمىشىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى توپلىتىدۇ.بىر ھەپتىدىن كىيىن ئەر سوت مەھكىمىسىدىن ئايالىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋالىدۇ.ئەر خاتالىق سادىر قىلغۇچى تەرەپ دەپ ھۈكۈم قىلىنىدۇ دە، بارلىق ئۆي، مال- مۈلۈك ئايالغا قالىدۇ.
2.شاڭخەيلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن ئايالى ساتىراشخانىغا بېرىپ چاچلىرىنى ياسىتىپ، ھۆسىن تۈزىتىپ، تازا جەزبىدار ئىچ كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋېلىپ، راسا ئوخشىتىپ تاماق ئىتىپ، ئۆيدەئىرىنى لاتاپەت بىلەن ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. ئەر ئۆيىگە كىلىپ ئايالىنىڭ مۇنچە گۈزەل بوپ كەتكىنىنى كۈرۈپ داڭقېتىپ، نەچچە ۋاقتىن شۇنچە گۈزەل ئايالىغا دىققەت قىلمىغىنىغا مىڭ ئۈكۈنۈپ،بۇندىن كىيىن ئايالىدىن ئايرىلماسلىققا قەسەم ئىچىدۇ.
3.گۇاڭدۇڭلۇق ئەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن ، ئايالى تازا چىرايلىق كىيىنىپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىگە تېلىفۇن قىلىدۇ:ۋەي، مەن ئىسىڭىزدىمۇ؟ بۈگۈن بەك زىرىكىپ كەتتىم، ماڭا ھەمرا بۇلالارسىزمۇ؟............ شۇنىڭ بىلەن ئەر سىرتتا كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرسىمۇ ئايالى ئۆيىدە ئۆز تاماشىسىنى قىلىۋىرىدۇ. ھىچ قايسىسى بىر- بىرسىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشماي ئۈتۈشىۋىرىدۇ.
4.سىچۇەنلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن، تالاغا قارىغۇچنىڭ ئايالى ئۆينى پاك- پاكىزە تازىلاپ، ئىرىنىڭ كىيىم- كېچەكلىرىنى رەتلىك قاتلاپ ئۈستىگە«دورىڭىزنى ۋاقتىدا ئىچىۋېلىشنى ئۇنتىماڭ» دىگەن باغاقچىنى قۇيۇپ قۇيۇپ ئانىسىنىڭ ئۈيىگە كىتىدۇ.ئەر قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇلارنى كۈرۈپ، ۋىجدان ئازاۋى تارتىپ، دەرھال قېينى ئانىسىنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ئايالىنى قايتۇرۇپ كىلىدۇ.
5.خونەنلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن، ئايالى ئۆيىدىكى ئىككى قىڭراقنى بىلەپ، ئالدى- كەينىگە قىستۇرۇپ ئىرىنى ئىزدەپ چىقىدۇ.كۆڭلىدە « بۈگۈن سەن بىلەن يا ئۈلۈم يا كۈرۈم» دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرمۇ يۇۋاشلىق بىلەن ئايالىنىڭ كەينىدىن ئۆيىگە قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ.
6. شەندۇڭلۇق ئەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن ئايالى ئىرىنىڭ ئىدارىسىغا بېرىپ غەۋغا قىلىدۇھەم ئىرىنىڭ ئىدارىسىكى ھېلىقى چىرايلىق تۈلكىجىننىڭ ئىرى بىلەن قىلىشقان ناشايان ئىشلىرىنى خالايىققا ئاشكارىلايدۇ. ئىدارە باشلىقىمۇ بىز چۇقۇم تىگىشلىك چارە كۈرىمىز دەيدۇ.كىيىن ئەر ئايالى بىلەن ئاجرىشىدۇ ھەمدە بىر ھەپتىدىن كىيىن ھېلىقى چىرايلىق قىز بىلەن توي قىلىدۇ.
7.سەنشىلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن، ئايالى يىڭىنى شىمايلاپ ئاشخانىغا كىرىدۇ ، ئادەتتە يۈز گىرام سۇيقاش، بىر قازان نېنى يەيدىغان ئادەم بۇ كۈنى بىر جىڭ سۇيقاش، ئون قازان نېنىنى يەۋېىتىپ، كارۋاتتا ياتقىنىچە تومپايغان قورسىقىنى سىلاپ«ئاھ، خۇدائەمدى قانداق ياشىغۇلۇق؟، بۇ ماڭا نىمە كۈن ئەمدى؟ » دەپ قاتتىق يېغلاشقا باشلايدۇ.
8.شەرقى شىماللىق ئەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن ئايالى يېغلىغان پېتى ئانىسىنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ھەممە ئىشنى ئۈجۈر- بۈجۈرگىچە ئىنىسىغا ئېيتىدۇ. ئىنىسى نەۋرە ئاكا- ئۇكىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قوللىرىغا چوماق ئېلىپ، ئەر ئۆيگە قايتىدىغان يولدا ئۇنى ساقلىشىدۇ.......ئاخىرى قاش- قاپاقلىرى يېرىلىپ ساق يىرى قالمىغان ئەر سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدا ئەرز بىرىدۇ.
9. ئەگەر مەن توي قىلىپ قالسام مىنىڭ ئىرىم تالاغا قارىسا قانداق قىلارمەن؟ مىنىڭمۇ ئۆزەمنىڭ مىجەزى ئۆزەمگە ئايان، ھەر قانچە مۇلايىم بۇلاي دىسەممۇ بۇلالمىغۇدەكمەن،. ئەڭ ياخشىسى 5- سىدىكىدەك يەنى خونەنلىك ئەرنىڭ ئايالىدەك قىلاي جۇمۇ.
10. ئەگەر سىزنىڭ يولدىشىڭىز تالاغا قاراپ قالسىچۇ، سىز قانداق قىلىسىز؟
پاراڭخانا ژورنىلى 2006- يىلى 9- سانىدىنئىنكاس يېزىشنى ئۇتۇنماڭ، ئېلاننى چىكىپ قۇيۇشنىمۇ ھەم ئۇنۇتماڭ. رەھمەت.
随机文章:
خۇتەن چىرادا ئولىمپىك باشلاندى! 2008-06-15يازدا بوۋىقىڭزنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەڭ 2008-06-14ئادەم ئاتىنىڭ پانىي دۇنياغا قوغلانغانلىقى 2008-04-03ئەللەي بالام 2008-04-01






