ئۈچ دانە تور كارتىسى ئارقىلىق ئىككى كومپىيۇتىر
ئۈچ دانە تور كارتسى ئارقىلىق ئىككى كومپىيۇتىرنى بىرلا ۋاقىتتا تورغا ئۇلاش
مىنىڭ بىر دانە مۇلازىمتىر كومپىيۇتىر بىر دانە ئاددەتتكى كومپىيۇتىرىم بار ، بۇ ئىككىسنى ئۈچ دانە تور كارتىسى ئارقىلىق تورغا ئۇلماقچى ئىدىم ،مۇلازىمتىرغا ۋىندوس 2003 قاچىلانغان ،يەنە بىرسغا winXP، نەچچە كۈندىن بېرى توردىن ئىزدەپ ھېچ بىر تۈزۈك جاۋاپ تاپالمدىم ،مۇلازىمتىرغا ئىككى دانە تور كارتىسى سېلىنغان ، ئەسلى لۇ يۇ چى ئارقىلىق بەك ئاسان دەيدۇ ، مەن ئارتۇق پۇل خەجلەشنى خالىمىدىم ، شۇڭا ئۆزەمدە بار بولغان قاتتىق دىتال ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇراي دىگەن بۇ خىل ئۇسۇلىنى سىناپ باققانلار تەجىربەڭلارنى دەپ بەرسەڭلار
بۇ ئەلۋەتتە مومكىن. مۇلازىمىتېرغا ئىككى تور كارتىسى سالىسىز. بىرسىگە مودىمنى ئۇلايسىز. بۇ تورغا چىقىشتىكى باش ئاپپارات بولىدۇ. يەنە بىر تور كارتىسىنى ئارقىلىق ئىككىنجى كومپىيۇتېرنى ئۇلايسىز. دىققەت: ئىككىنجى كومپىيۇتېرغا ھازىرچە ھىچقانداق تەڭشەك ئىلىپ بارمايسىز. مۇلازىمىتېردىكى مودىمغا ئۇلانغان 1.توركارتىسىنىڭ خاسلىقىغا كىرىپ، 2-تۈرنى ئېچىپ، توغرا بەلگېسى قويىدىغان ھەممە يەرگە بەلگە قويۇپ، جەزىملەشتۈرۈپ چىكىنىسىز. بۇ ۋاقىتتا مۇلازىمىتېردىكى 2-تور كارتىسىنىڭ IP ئادىرىسى ئاپتوماتىك ھالدا 192.168.0.1 بولىدۇ. قايتىپ، 2-كومپىيۇتېرغا IP ئادىرىس بىكىتىسىز. يەنى: IP ئادىرىسى 192.168.0.3، 网关:192.168.0.1 بولىدۇ. DNS نى ئادەتتىكى تورنىڭ DNS ئادىرىسىنى يەنى: 61.128.114.166، 61.128.114.133 قىلىپ بىكىتسىڭىزلا ھەر ئىككىلىسى تورغا نورمال چىقالايدۇ.