-
توڭگۇز بېشى قەدىمى شەھىرى نى بىلىۋىڭ - [ئۇيغۇر ئىتوپىگىرافىيىسى]
2008-01-19
توڭگۇز بېشى قەدىمى شەھىرىبىلىم تورى خەۋرى توڭگۇز بېشى قەدىمى شەھىرى : تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قاراشلىق كۈسەنگە تەۋە ھەربىي كۈرە. ئۇ توقسۇ ناھىيىسىنىڭ 44 كىلومېتر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئورنى ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قەدىمىي سۇغۇرىلىدىغان تۈزلەڭلىك رايونىدا ،بۇ جاي ھازىر شورتاڭلىققا ئايلىنىپ كەتكەن . شەھەر خارابىسىنىڭ تەكشى يۈزى چاسا شەكىلدە بولۇپ ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 960 مېتر ، سېپىلنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى تۆت – سەككىز مېتر كېلىدۇ . شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت بۈرجىكىدە 13يۆلەك تام بار . جەنۇبىي ۋە شىمالىي سېپىلنىڭ ئوتتۇرسىدىن قوۋۇق ئېچىلغان بولۇپ ، قوۋۇق قەلئەسى بار ، شەھەر ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ئىزلىرى يىمىرىلىپ توپا دۆڭگە ئايلىنىپ قالغاچقا ، شەكلى ئېنىق ئەمەس . شەھەر خارابىسىدىن سىدام خىش ، سىدام كاھىش ، ساپال تۇرمۇش بويۇملىرى ، تاش يارغۇنچاق ، تۆمۈر ئورغاق ، زىغىر ئۇرۇقى ،قۇيماق ۋە كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى ، دالى يۇنباۋ يارمىقى ،جيەنجۇڭ تۇڭباۋ يارمىقى قاتارلىق تاڭ سۇلاسى دەۋرىدىكى پۇللار ۋە ‹‹دالى 15– يىلى لى مىڭدانىڭ ئاشلىق ئۆتنە ئېلىش ھۆججىتى ››،‹‹دالى 14 – يىلى پاكسۇ پارنىڭ ئېشىنچا تېرىق ئېلىش ئىلتىماسى ››قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىندى .
随机文章:
ئۇيغۇر مۇقاملىرى 2008-06-12ئۇيغۇر نەزىرىدىكى ئامرىكا 2008-04-02ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلشۇناس پىرخۇيلان 2007-12-28ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇرلار 2007-12-26






