• PHP نىڭ ئېلغار تەرەپلىرى - [PHP]

    2007-11-25

     

     

     

    PHP نىڭ ئېلغار تەرەپلىرى
    PHP نىڭ نۇرغۇن ئىلغار تەرەپلىرى بار. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ بار، يەنى PHP ئاشكارا كودلۇق پروگرامما تىلى بولغاچقا، ئۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھېچقانداق سودا خاراكتىرلىك قوللاشقا ئىگە ئەمەس (Microsoft شىركىتىنىڭ پروگرامما تىللىرىنىڭ ئېنايىن كۈچلۈك سودا خاراكتىرلىك ئارقا تېرىگى بار). لىكىن ئۇنىڭ ئېجرا بولۇش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز. ئەگەر سىز Yahoo! ۋە Amazon.com قاتارلىق تور بىكەتلىرىنى ئېچىپ كۆرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ تېزلىقىنى ھېس قىلالمايسىز (بۇ تور بىكەتلىرىنىڭ ئېنتايىن چوڭلۇقىنى، ئۇچۇر مىقدارنىڭ كۆپلۈگىنى، زىيارەتچىلىرىنىڭمۇ كۆپلۈگىنى ئۆزىڭىز بىلىسىز)، لىكىن ئوتتۇرا ھال ياكى كىچىك تىپتىكى بىكەتلەرنى ئاچسىڭىز بۇنى تامامەن ھېس قىلالايسىز. مەسىلەن: ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىمىزدىن، شەبنەم، ئۈمۈد، بىلىك قاتارلىق تور بىكەتلەر PHP لىك تور بىكەتلىرى، سىز بۇ بىكەتلەرنى ئاچقاندا سۈرئىتىنىڭ تېز ئىكەنلىگىنى ھېس قىلالايسىز.

    ئۈگۈنۈش جەريانى
    PHP نى ئۈگۈنۈش Java ۋە Perl لارنى ئۈگۈنۈشكە ئوخشىمايدۇ، سىز بېشىڭىزنى چۆكۈرۈپ 100 نەچچە بەتلىك ماتېرىيالنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ، ئاندىن بىرەر پروگرامما تۈزۈپ چىقىشىڭىز ھاجەتسىز. سىز پەقەت ئازراقلا ئاساسى گرامماتىكا قائىدىلىرى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋالسىڭىزلا PHP پروگرامما يېزىشنى باشلىيالايسىز، كىيىنچە پروگرامما تۈزۈش جەريانىدا بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، دەرھال مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
    PHP نىڭ گىرامماتىكىسى C تىلى، ASP، Perl ياكى Jsp قاتارلىقلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يۇقارقى بىر قانچە خىل تىلنى بىلگەنلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، PHP نى ئۈگۈنۈش ئېنتايىن ئاسانغا توختايدۇ، ئەكسىچە PHP نى بىلگەنلەر يۇقارقى بىر قانچە خىل تىلنىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۈگۈنىۋالالايدۇ.
    ئەگەر سىز HTML نى پۇختا بىلسىڭىز، ئۆزىڭىز بىرەر تور بىكەت تۈزۈپ باققان، يۇمشاق دىتال ياساپ باققان بولسىڭىز، سىز پەقەت ئازراقلا ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپلا PHP نىڭ يادرولۇق تىل ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللىۋالالايسىز. PHP نىڭ كودلىرىنى ھېچقانداق توسقۇنلۇقسىزلا تور بېتىگە قوشقىلى بولىدىغان بولغاچقا، سىز تور بەت تۈزۈش ۋە ئاسراش جەريانىدا، بىمالال ھالدا PHP كودلىرىنى قوشۇپ، تور بېتىڭىزنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايسىز.

    ساندان بىلەن ئۇلىنىش

    PHP ئارقىلىق نۇرغۇن ساندان بىلەن ئۆز ئارا ئۇلىنىدىغان پروگرامما تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ، PHP بىلەن MySQL ساندان نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى بېرىكىش ھېساپلىنىدۇ. سىز PHP ئارقىلىق بىمالال ھالدا بىر قانچە ساندانغا ئۇچۇر مەلۇماتلارنى ساقلىيالايسىز ھەم سانداندىكى ئۇچۇر مەلۇماتلارنى ئوقۇپ ئالالايسىز.

    كېڭىيىشچانلىقى

    يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمگە ئوخشاش، PHP ھازىر ئېنتايىن تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ھەم مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، تۇنجى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن PHP نىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى كېڭەيتىش (قوشۇش) تەس تۇيۇلشىنى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيىدىكى PHP پروگراممىرلىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، PHP نىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى كېڭەيتىش ئاسانغا توختايدۇ.

    ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تىلى

    PHP ئوبىكىت ۋە  类 (راستىنى ئېيىتسام بۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمىدىم) نى تەمىنلىگەن.

    ئېلاستىكىلىغى

    كۆپىنچە تور بىكەتلىرىدىكى ئالاقە ئىقتىدارى CGI ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان. CGI نىڭ ئېلاستىكىلىغى ئانچە ياخشى ئەمەس، چۈنكى ھەر بىر ئىجرا بولىۋاتقان CGI پروگراممىسى ئۆزى مۇستەقىل بىر مەنبە ئىگەللەپ ئىجرا بولىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى –  CGI پروگرامما تۈزىدىغان پروگرامما تىلىنى مۇلازىمېتىرغا قاچىلاپ كىرگۈزىۋېتىش ئىبارەت (مەسىلەن: mod_perl، Jsp قاتارلىقلارنى). PHP بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئېلاستىكىلىققا ئىگە.
    تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدىلىكلىرى
    PHP نىڭ ئىجاد قىلغۇچىلىرى WEB پروگراممسىسى تۈزۈشكە تېخىمۇ قولايلىق بولىشى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ئۇنىڭغا يانداش بولغان ئاساسى ئامبارلارنى قۇرغان، بۇ ئامبارلار نۇرغۇن ئىشلىتىلىشچان قەۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. سىز PHP دىن پايدىلىنىپ Oracle، MS-Access، MySQL قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە سانلىق ئامبار (ساندان) لار بىلەن ئۇلىنىش ئېلىپ بارالايسىز، سىز يەنە PHP دىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىشلىتىلىشچان پروگراممىلارنى تۈزۈپ چىقالايسىز.
    PHP نى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىدىن بولغان ASP، Jsp ۋە mod_perl بىلەنمۇ قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
    بىلىشىڭىز مۇمكىن، ASP ۋە JSP دۇنيادىكى ئىككى چوڭ داڭلىق يۇمشاق دىتال شىركىتىنىڭ ھەقلىق (گەرچە دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق ئىشلەتكۈچىلەر توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ) مەھسۇلاتلىرى، يەنى ASP بولسا Microsoft شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى، Jsp بولسا Sun شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقلىرى بار، لىكىن قاتتىق دىتالغا بولغان تەلىۋىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى.




发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我