-
مۇھەممەتجان راشىدىن بىر كۈنى
2008-04-16
مۇھەممەتجان راشىدىن
بىركۈنى
بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى،
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى،گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى،
ئات بولغۇچە ئاتال، تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى،ئاقنى..چەككەن ئاغزىدا ئۇقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى،
كوچىلارغا تۈن بۇيى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى،تەييار توقاچ قۇلۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى،
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى،كۆندۈرۈدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى،
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى،پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرۈكۈڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى،
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى،شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۈلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى،
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى،随机文章:
ajax on java 2007(普通下载) 2007-12-25«ئانا ئارىيەت ئېلىش»تىن تۇغۇلغان ئويلار 2007-12-12قەھۋە ۋە زىققە 2007-11-04






