ئىجتىمائى ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نام -ئاتاق- پايدا-مەنپەئەت ئدىيىسى نۇرۇغن كىشلەرنىڭ كاللىسىدا بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىدى، كىشلەر ئارىسىدا ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ھەق ناھەق ،چىنلىق-ساختىلىق مەۋجۇت بولدى، كىشلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋەتتە ھەتتاكى << دوست بۇرادەر>> لىرىدىنمۇ تەشۋىش قىلىدىغان بوپقالدى، ئۇنداقتا قانداق كىشلەر ئىشەنچىلىك دوست بولالايدۇ ؟
ھاياتلىقنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە ، ھېچكىم ھاياتنى ئۆزى تەنھا تاماملاپ بولالمايدۇ ، شۇڭا، بىز پايانسىز كىشلىك ھايات دېڭىزىدىن ئۆزىمىز گە دوست بولالايدىغان ئادەمنى ئىزدەشكە باشلايمىز، بۇنداق ئىزدەش كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ،نائىلاج قىلىپ قويىدىغان ، شۇنداقلا ئۈمۈدگە تولدۇرىدىغان جەرياندۇر، مانا مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، تونۇشقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، تازا ئەسرا بولمىغان، تازا دىگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ناتونۇشلارنى دوس دىيىشكە ئالدىراش، ئۇ ئادەمنى دوست دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بىھاجەت .
ئەمىسە كىمنىڭ ئۆمۈرلۈك دوست بولالايدىغانلىقىنى قانداق بەلگىلەش كېرەك؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بەش خىل ئادەمنى نۇقتىلىق ئويلىشىشقا بولىدۇ .
بىرنچى خىل سىزنى قوللايدىغانلار
بۇ خىلدىكىلەر سىزنى ئىزچىل ھىمايا قىلىدۇ ، ھەمدە باشقىلار ئالدىدا ياخشى تەرىپىڭىزنى قىلىدۇ .
بۇ خىلدىكى كىشلەر بىر-بىرىگە ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، ئۆز ئارا مەدەت بېرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، بىر كىشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يولدىشى ، ئاتا-ئانىسى ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ قوللاپ -قۇۋەتلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، سىز بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ،بۇ خىل كىشلەر تولا چاغلاردا بىر قىسىم روھى بېسىمىڭىزنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچى << يۈرەكنى كۈچەيتىش دورىسىدۇر .
ئىككىنچى خىلى سىزنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغانلار
ئۇلار سىزگە ئۈزلۈكسىز ئىلھام بېرىپ، سىزگە ئۆز ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تونۇتىدۇ.
بۇ خىلدىكىلەر ئۇستاز تىپىدىكىلەر دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇستازىڭىز، ئاكىڭىز بولۇشى ناتايىن ،بىراق ئۇلار مەلۇم جەھەتلەردە چوقۇم مول تەجىربىلەرگە ئىگە بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە كەسپى ئىشلار، ئائىلە ،كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلەردە سىزگە نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا بۇنداق دوستقا ئېرىشىش ئەڭ زور مەنىۋى تۈۋرۈكىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا تولا چاغلاردا سىز گە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان << مەبۇد>> بولالايدۇ.
ئۈچىنچى خىلى سىز بىلەن دىلكەشلەر
بۇلارنىڭ ھەۋىسى- قىزىقىشى سىزنىڭكىدە يېقىن كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار سىز بىلەن ئوبدان ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكىگە تازا ئىگە بولغان كىشلەردۇر .
ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇش سىزدە روھى ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ، مانا << كۆڭلىدە بىلىش >> دېيىلىدۇ. ئويلىغان ئىشڭىز ، قىلغان گېپىڭىز ئۇلارنىىڭكىگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە، ھەر دائىم باشقىلار كۆيۈنۈۋاتقان تۇيغۇدا بولىسىز. ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىش ئۆز ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئارزۇ-ھەۋىسىڭىز، كىشلىك ھايات نىشانىڭىز ياكى خوشاللىقىڭىزدىن ئۇلار بىلەن تەڭ بەھىرمەن بولالايسىز، بۇنداق مۇقىم ھېسسىي<< تەڭ بەھىرمان بولۇش>> سىزنى روھى جەھەتتە خاتىرجەم قىلىدۇ، ئۇلار بولغاچقا ، غايىڭىز تېخىمۇ ئاسان ئەمەلگە ئاشىدۇ ھەمدە خوشال ئۆسۈپ يىتەكلەيسىز .
تۆتىنچى خىلى سىزگە ۋاستىچى بولىدىغانلار
بۇ خىل كىشلەر سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن،سىزنى دەرھال ئۆزىنىڭ دىلكەش دوستلىرىغا تونۇشتۇرىدۇ .
بۇ خىلدىكىلەر << ياردەم بېرىش تىپىدىكى >> دوستىلاردۇر، ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولغان چاغلاردا، ئۇلار سىز بىلەن كۆپ ئۇچراشمايدۇ؛ ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتىمىغان چاغلاردا، ئۇلار كۆز ئالدىڭىزدا شۇئان پەيدا بولىدۇ. ئۇلار سىزگە ئەڭ ئەمەلىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەر دائىم ئىپادىلەپ، سىزنى ئۈمىد ۋە پۈرسەتكە ئىگە قىلىپ، سىزنىڭ روھى جەھەتتە ئىلھامغا ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ .
بەشىنچى خىلى سىزگە ھەمراھ بولىدىغانلار
ئۇچۇرغا ئىگە بولىسڭىز، ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان ئۇچۇر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بىرىنچى بولۇپ ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرگىڭىز كېلىدۇ، ئۇلار ھەمىشە سىز بىلەن بىللە بولىدۇ.
بۇ خىلدىكى كىشلەرنىڭ كۆكسى -قارنى كەڭ كېلىدۇ، ،مەيلى قايسى چاغدا ئىزدىمەڭ ، سىزگەقىزغىن مۇئامىلەقىلىدۇ ھەمدە سىزنى ئىزچىل قوللايدۇ. ئۇلار سىزنى رازى ۋە خاتىرجەم قىلالايدىغان دوستۇر، گاھىدا ئۇلارنىڭ ئۇنچە كۆپ گەپ قىلىشى بىھاجەت، ئۇلار گەپ- سۆز قىلماي سىزگە ھەمرا بولىسىلا كۆڭلىڭىز ئەمىن تاپىدۇ .
نىشانىڭىز بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئوچۇق- يورۇق ھالدا دوستۇم دېسىڭىز، ئۇلارغا گەپ-سۆزىڭىزنى ئېيىتسىڭىز بولىۋېرىدۇ، بىراق ئۇلارغا يۆلىنىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئامېرىكا يازغۇچىسى پال مۇنداق دەپ ياخشى ئېيىتقان ؛ << قىيامەتلىك دوستىنىڭ ساڭا ئۆزۈڭ ئېھتىياجلىق بولغان ھەننىۋا نېمىنى بېرىشنى ئارزۇ قىلمىغىن.>>
ھاياتلىق ژورنىلىدىن ئېلىندى