ئىلگىرى قەھۋەنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى كۆپ دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى.
ئەمما، يېڭى تەتقىقاتلاردا مۇۋاپىق قەھۋە ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارالماقتا. ئىتالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك تەتقىقاتتا ، ئادەتتە قەھۋە ئىچىدىغان ئادەملەر ئىچىدەزىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار قەھۋە ئىچمەيدىغان ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاز بولىدىغابلىقى بايقالغان ۋە تەتقىقاتتا ، قەھۋەنىڭ ئىستىمال مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، سالامەتلىككە بولغان پايدىسىمۇ ئاشىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن .
ئادەتتە كۈنىگە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان ئادەملەر ئىچىدە زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار كۈنىگە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغانلارغاقارىغاندا ئاز بولغان . لېكىن كۈنىگە ئۈچ ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق. بۇ بايقاش 72مىڭ 284نەپەر 15ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرىشتىن چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ، تاللانغان بۇكىشىلەر ئىتالىيەلىكلەر ئىچىدە ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىىشىلەردۇر.
پاكىنۇ دوكتور ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرى ئۇزۇن مۇددەت مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىستېمال قىلىش زىققە كېسەللىكىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن ، باشقا كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنىمۇ ئوينايدىكەن