-
BlogBus تا ئېلان قۇيۇش تېخنىكىسى 1 - [GoogleAdsens]
2008-05-29
BlogBus تا ئېلان قۇيۇش تېخنىكىسى 1
BlogBus تا بلوگ ئاچقان دوسلارنىڭ پۈيىشىگە ئەگىشىپ ئېلان قۇيىۋاتقان دوسلارنىڭ ئېلاننى ھەرخىل شەكىلدە قۇيۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.
ئېلاننى زادى قايسى ئۇرۇنغا قويسا ئەڭ ئۈنۈملۈك بۇلىدۇ؟
تۈۋەندە بىز ئۈ...
-
نادىر ناخشا: ۋاي ۋاي دادا ۋاي دادا - [بىلىم ئىكرانى]
2008-05-25
-
ئىزدەش ماتورلىرىغا تور بىكىتىڭىزنى قۇشۇۋېلىڭ - [تور بىلىملىرى]
2008-05-24
تور بىكەتلىرىمىزنى ئىزدەش ماتۇرلىرىدىن تاپىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم مۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشىمىز كىرەك.ئىزدەش ماتورلىرىغا ھەر ئايدا بىر قېتىم يوللاش ۋە ئىزدەش ماتورلىرىنى باشقۇرۇش قورالىدىن پايدىلىنىپ، تور بېتىمىزنى ئىزدىگەن ئىزدىمىگەنلىكىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ تۇرىشىمىز كېرەك. بۇلارنى قانداق كۆزىتىش ھەققىدە بلوگ ھۈنەرلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلەردە ماقالە بار.
Google غا ئىزدەش ماتورىغا بلوگ يوللاش
Google تور بەتلەر مۇندەرىجىسىگە بلوگنى يوللاش
Google بلوگ ئىزدەش ماتورىغا بلوگنى يوللاش
بەيدۇغا بلوگ يوللاش
Hao123.com غا بلوگ يوللاش
Yahoo (جۇڭگو) غا بلوگ يوللاش
Yahoo (خەلقئارا) غا بلوگ يوللاش
MSN غا بلوگ يوللاش
Live.com غا بلوگ يوللاش
Accoona غا بلوگ يوللاش -
ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتى
دۆڭ كۆۋرۈكتە ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق خەلىقنىڭ كۈزىچىلا ئەخلەت تۇڭىغا تاشۋىتىلدى
تېخى تۈنۈگۈنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ھەرقانچە ئويلىماي دىسەممۇ كاللامغا كىرىۋالدى... ... -
ئازابنى سۇيۇلدۇرۇڭ - [ئائىلە ۋە تۇرمۇش]
2008-04-23
ئازابنى سۇيۇلدۇرۇڭ
ئەگەر بىر قوشۇق تۇزنى بىر ئىستاكان سۇغا سېلىپ ئىچسىڭىز ئىچىش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ . ئۇنداق قىلماي ئۇنى بىر چېلەك سۇغا ۋە ياكى كۆل سۈيىگە تۈكىۋېتىپ ئىچسىڭىز ئۇ چاغدا ئەھۋال ھەقىقەتەن باشقىچە بۇلىدۇ .
تۇرمۇشتىكى ئازابلارمۇ خۇددى مۇشۇ قۇشۇقتىكى تۇزغا ئوخشايدۇ . ئازمۇ ئەمەس ، كۆپمۇ ئەمەس . ئوخشاش دەرىجىدىكى ئازابلارنى چەككەن چاغدىكى تۇيغۇمىز بىزنىڭ ئۇنى قانداق ئۇرۇنغا قويىشىمىزغا باغلىق . شۇڭا سەن ئازابقا دۇچار بولغان چېغىڭدا ، قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىڭ سىنىڭ شەيئىلەرگە قاراشتىكى نەزىرىڭنى ئېچىش . ھەرگىزمۇ ئۇنى بىر ئىستاكان سۇغا تۆكمەي ، كۆل سۈيىگە تۈكۈپ سۇيۇلدۇر .
مەنبە :" تەرمىلەر ژورنىلى " دىن ئېلىندى
سىزدىمۇ ئازاب دەرىخى بارمۇ ؟
بىر توروبا ئىشچىسىنىڭ تەلىيى تولىمۇ تەتۈر كەپتۇ ، باشتا ماشىنىسىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كىتىپتۇ -
ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ؟ - [ئەدەبىيات سەھپىسى]
2008-04-20
ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ؟
ئاپتورى:ئابدۇرىھىم مۇھەممەت
ئاياپ جوراڭنى قەھرىڭدىن ، ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ؟
يىگىتلىك پەيلى - پەخرىڭدىن ئاناڭنى تىللىغان سەنمۇ ؟
سىنى چوڭ قىلغۇچە رەڭگى سۇنۇپ نە بولسا بولغاندۇ ،
تىن... -
سىزنىڭ ئادەملىك گۇۋاھنامىڭىز بارمۇ؟ - [ئەدەبىيات سەھپىسى]
2008-04-20
ئادەملىك گۇۋاھنامىسى
ئاپتورى:يۇچىڭ
پويىز كېتىۋاتاتتى، چىرايلىققىنە كەلگەن ئايال پويىز خادىمى ئىشلەمچى سىياقىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرگەقادالغىنىچە ئۈنلۈك قىلىپ:
- بېلىتىڭىزنى كۆرۈپ باقاي،- دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى پۈتۈن ئۈستۋاشلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاران دېگەندە بېلەتنى تاپتى، ئەمما بەرگۈسى كەلمەي بېلەتنى مەھكەم سقىمداپ تۇردى. پويىز خادىمى ئۇنىڭ قولىدىكى بېلەتكە قارىۋېتىپ:
-بۇ ئۆسمۈرلەر بېلىتىكەنغۇ؟_دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ يۈزى ھۈپپىدە قىزاردى،ئۇ دۇدۇقلىغىنىچە:
- ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشكەنغۇ؟_ دېدى.
ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتى باھاسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى پويىز خادىمى ئەلۋەتتە بىلەتتى، پويىز خادىمى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۈستىۋاشلىرىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- سىز مېيىپمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
- شۇنداق، مەن مېيىپ.
- مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە كۆرۈپ باقاي،- دېدى پويىز خادىمى. ئوتتۇرا ياشلىق كىشى جىددىلىشىپ كەتتى، ھەمدە:
- مېنىڭ.... مېيىپلىق گۇۋاھنامەم يوق، بېلەت ئالىدىغان چاغدا بېلەت ساتقۇچى مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭ دېگەنتى ئامالسىز ئۆسمۈرلەر بېلىتى سېتىۋالغانتىم.- دېدى. پويىز خادىمى سوغۇق كۈلدىدە:
- مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭزى بولمىسا سىزنى قانداقمۇ مېيىپ دېگىلى بولسۇن؟
ئوتتۇرا ياش كىشى گەپ قىلماستىن ئاستا ئايىغىنى سالدى ھەمدە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىنى تۈرىۋەتتى- ئۇنىڭ پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئىدى.پويىز خادىمى سىڭايان قارىۋېتىپ:
- مەن مېيىپلىق گۇۋاھنامىسىنى كۆرىمەن! مۇقاۋىسىدا «مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» دېگەن خېتى بار، مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ پولات تامغىسى بېسىلغان كېنىشكىنى دەۋاتىمەن!- دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يىغلامسىرىغان ھالدا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
- مېنىڭ نوپۇسۇم بۇجايدا بولمىغاچقا مېيىپلار بىرلەشمىسى بېجىرىپ بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شەخسىينىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن خوجايىن قېچىپ كەتتى، دوختۇرخانىدا مېيىپلىقنى باھالىتىدىغانغا پۇلۇم يوق شۇڭا.....
پويىز باشلىقىمۇ بۇ يەردىكى ئىشنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدىدە، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كشى ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىنى، مېيىپلار بېلىتى بىلەن ئوخشاش باھادىكى ئۆسمۈرلەر بېلىتى ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن پويىز باشلىقىمۇ:
- بىز پەقەت گۇۋاھنامىنىلا ئېتىراپ قىلىمىز، مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز بولمىغاندىن كېيىن مېيىپلار تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالمايسىز، سىز ... -
مۇھەممەتجان راشىدىن بىر كۈنى
2008-04-16
مۇھەممەتجان راشىدىن
بىركۈنى
بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى،
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى،گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى،
ئات بولغۇچە ئاتال، تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى،ئاقنى..چەككەن ئاغزىدا ئۇقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى،
كوچىلارغا تۈن بۇيى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى،تەييار توقاچ قۇلۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى،
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى،كۆندۈرۈدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى،
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى،پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرۈكۈڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى،
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى،شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۈلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى،
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى، -
ھاياتىڭىزدا نىمىنى كەتكۈزۈپ قۇيۇپسىز؟ - [ئائىلە ۋە تۇرمۇش]
2008-04-16
سىز تولىمۇ ياش زىرەكسىز غايىلەرگەتولغان ھاياتىڭىزنى ئاددىلا ئۆتكۇزىۋەتكۇڭىزيوق،نام-ئاتاق،بايلىق ۋە ھوقۇقا ئىرىشكۇڭىزبار.شۇ سەۋەبلىىك ھەمىشە قۇلاق تۇۋۇمدە زارلىنىسىز.
ھېلىقى داڭلىق ئالما نىمىشقا مىنىڭ بېشىمغا چۇشۇپ قالمىدى؟<<قەدىمكى مەرۋايىت>>ساقلانغان غايەت چوڭ قۇلۇلە قېپى نىمىشقا دائىم مەن سۇغا چومىلىدىغان دېڭىز قولتۇقىدىن ئەمەس ،باياۋاندىن چىقىدۇ؟ناپالىيون جوزىفقا ئۇچراپتۇ،يۇ نىمىشقا شۇنداق -
ئالما يىغىنى ۋە تەپسىلاتى 苹果公司在新疆开了中亚技术研究室 - [تەڭرىتاغ ئىكرانى]
2008-04-09
苹果公司在新疆开了中亚技术研究室






