• ئىنتېرنېت ئاتىسى ICANN رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى« ئىنتېرنېت ئاتىسى » دېگەن شەرەپ نامىغا ئىرىشكەن Vint Cerf ئۆتكەن ھەپتە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ توشقانلىق سەۋەبىدىن ئىنتېرنېت تورى دائىرە نامىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ICANN نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئاي...
  • سېتىۋالدى باي ۋە ياردەم شىركىتى

      سېتىۋالدى باي ۋە ياردەم شىركىتى 
                                                                      قۇربان ھېلىم 
    سېتىۋالدى باي ئاتۇشتىن ئەنجانغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋەتەن سۆيەر  تەرەققىپەرۋەر ، تىجارەتكە ماھىر ئېزىز ئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە 1882 – يىلى دۇنياغا كەلگەن . 
    ئېزىز ئاخۇن ئۆز پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش مەقسىتىدە ئۇنى كىچىكىدىنلا مەكتەپ تەربىيىسىگە بەرگەن ھەم ئۇنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە شارائىت يارىتىپ بەرگەندى . سېتىۋالدى باي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بېرىلىپ بىلىم ئىگىلىگەن ، چوڭ بولغنسېرى ئەقلى ئۇلغىيىپ دادىسىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياخشى قولقانات بولغان . 
  • جامال قارشى يازغان "سۇرراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما" دېگەن كىتابىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بوۋىسى كۆل بىلگە قىدىرخان "قۇز ئوردۇ" (بالاساغۇن) دا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپتىكى تۈركىي قەبىلىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۈركىي قوۋملەر ئەللەردىن شاش ، "تاشكەنت" رايونى ئىسلامىيەتنى بۇرۇنراق قوبۇل قىلغان . ئۇ مىلادىيە 819 - يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۈننەھردە بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى كېڭەيتىپ ، سامانىيلار خاندانلىقى بىلەن سوقۇشۇشقا مەجبۇر بولغان . شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ھۆكۈم سۈرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس . قامال قارشىنىڭ پىكرىچە ، كۆل بىلگە قىدىرخاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى قولغا ئالغانىدى . كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ بارىز (ئارسلانخان) ، ئوغۇلچاق (قىدىرخان ياكى بۇغراخان) دېگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ ، بۇ توغۇرلۇق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار ، بارىز (ئارسلانخان) نىڭ بالاساغوندا ئۇلۇغ خاقان سۈپىتى بىلەن ، ئوغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراز ۋە كېيىن قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن . مىلادىيە 893 - يىلللىرى ئوغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم سوقۇشۇشلار بولۇپ ئۆتكەنىدى . مىلادىيە 893 - يىلى ئىسمايىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشغال قىلىپ ، خوتۇن - بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان . بۇنىڭ بىلەن ئوغۇلچاق ئارسلانخان مەركەزنى قەشقەرگە يۆتكەش بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن . سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئوغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۆز پاناھىغا ئېلىشقا ھەرىكەتمۇ قىلغانىدى .
    ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ "قەشقەر تارىخى" دىمۇ ئېنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان . 1028 - يىللىرى ئەلجەۋھىرىنىڭ "ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت" ناملىق ئەرەبچە سۆزلۈكنى پارىسچىگە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئېلىپ ، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەسىگە قارىغاندا ، ساتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارسلانخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى تۇغۇلغان . ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئوغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قېچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشقا ئىجازەت بەرگەن .
  • ئاپپاق خۇجا ھەققىدە بىر كەلىمە

    ﻣﯘﺧﺘﺎﺭ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﻮﻧﺰﺍﺩﻩ
    ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﺎﭖ ﻛﯚﺭﮔﯧﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ،ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ،ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﺮﻟﻪﻧﺴﻪﻙ،ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺋﻪﺯﻩﻡ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩلارغا ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﭘﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ-ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﻠﺎﺭﻧﯩﯔﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﺯﯛﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﯘﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﺎ ﺯﯛﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.ﭼﯜﻧﻜﻰ،ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺗﯜﯞﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﻣﯩﺨﻠﯩﻨﯩﭗﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ.
    ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 370ﻳﯩﻞﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﺋﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ،18ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﻮﻗﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﺎﺭﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﭼﻜﻪ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ،"ﺋﯩﺸﻘﯩﻴﻪ"ﺳﯜﻟﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﭘﯩﺮ"ﻟﯩﻖﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻠﺎﺭﻧﻰﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺟﺎﻟﻠﺎﺕ،ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎ (ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ) ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
    ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯩﺴﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍﺋﯩﺪﻯ.ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ "ﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ"ﺳﯜﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﺎﻥﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺋﯩﺸﻘﯩﻴﻪ" ﺳﯜﻟﯩﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ،ﻣﯩﻠﺎﺩﻯ 1671-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﺎﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.ﻗﻮﻏﻠﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﯩﻐﺎﻳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺷﯩﺰﺍﯕﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ)ﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻰ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻡ،ﭘﯩﺸﯩﯟﺍ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ،ﭘﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﻥ،ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ 27-ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻟﺎﻣﺎ ﺩﺍﮬﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍﺗﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ،ﺯﺍﺭ-ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻠﺎﭖ،ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ "ﺷﺸﯩﻜﺎﻳﻪﺕ"ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ) ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗ

  • ياخشى قۇرال سستىمىلار
    ياخشى بولغان ئېلان سىستىمىسى
    1.
    ئىسمى:
  • ئىجتىمائى ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نام -ئاتاق- پايدا-مەنپەئەت ئدىيىسى نۇرۇغن كىشلەرنىڭ كاللىسىدا بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىدى، كىشلەر ئارىسىدا ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ھەق ناھەق ،چىنلىق-ساختىلىق مەۋجۇت بولدى، كىشلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋەتتە ھەتتاكى << دوست بۇرادەر>> لىرىدىنمۇ تەشۋىش قىلىدىغان بوپقالدى، ئۇنداقتا قانداق كىشلەر ئىشەنچىلىك دوست بولالايدۇ ؟
    ھاياتلىقنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە ، ھېچكىم ھاياتنى ئۆزى تەنھا تاماملاپ بولالمايدۇ ، شۇڭا، بىز پايانسىز كىشلىك ھايات دېڭىزىدىن ئۆزىمىز گە دوست بولالايدىغان ئادەمنى ئىزدەشكە باشلايمىز، بۇنداق ئىزدەش كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ،نائىلاج قىلىپ قويىدىغان ، شۇنداقلا ئۈمۈدگە تولدۇرىدىغان جەرياندۇر، مانا مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، تونۇشقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، تازا ئەسرا بولمىغان، تازا دىگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ناتونۇشلارنى دوس دىيىشكە ئالدىراش، ئۇ ئادەمنى دوست دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بىھاجەت .
    ئەمىسە كىمنىڭ ئۆمۈرلۈك دوست بولالايدىغانلىقىنى قانداق بەلگىلەش كېرەك؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بەش خىل ئادەمنى نۇقتىلىق ئويلىشىشقا بولىدۇ .
    بىرنچى خىل سىزنى قوللايدىغانلار
    بۇ خىلدىكىلەر سىزنى ئىزچىل ھىمايا قىلىدۇ ، ھەمدە باشقىلار ئالدىدا ياخشى تەرىپىڭىزنى قىلىدۇ .
    بۇ خىلدىكى كىشلەر بىر-بىرىگە ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، ئۆز ئارا مەدەت بېرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، بىر كىشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يولدىشى ، ئاتا-ئانىسى ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ قوللاپ -قۇۋەتلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، سىز بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ،بۇ خىل كىشلەر تولا چاغلاردا بىر قىسىم روھى بېسىمىڭىزنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچى << يۈرەكنى كۈچەيتىش دورىسىدۇر .
    ئىككىنچى خىلى سىزنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغانلار
    ئۇلار سىزگە ئۈزلۈكسىز ئىلھام بېرىپ، سىزگە ئۆز ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تونۇتىدۇ.
    بۇ خىلدىكىلەر ئۇستاز تىپىدىكىلەر دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇستازىڭىز، ئاكىڭىز بولۇشى ناتايىن ،بىراق ئۇلار مەلۇم جەھەتلەردە چوقۇم مول تەجىربىلەرگە ئىگە بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە كەسپى ئىشلار، ئائىلە ،كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلەردە سىزگە نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا بۇنداق دوستقا ئېرىشىش ئەڭ زور مەنىۋى تۈۋرۈكىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا تولا چاغلاردا سىز گە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان << مەبۇد>> بولالايدۇ.
    ئۈچىنچى خىلى سىز بىلەن دىلكەشلەر
    بۇلارنىڭ ھەۋىسى- قىزىقىشى سىزنىڭكىدە يېقىن كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار سىز بىلەن ئوبدان ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكىگە تازا ئىگە بولغان كىشلەردۇر .
    ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇش سىزدە روھى ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ، مانا << كۆڭلىدە بىلىش >> دېيىلىدۇ. ئويلىغان ئىشڭىز ، قىلغان گېپىڭىز ئۇلارنىىڭكىگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە، ھەر دائىم باشقىلار كۆيۈنۈۋاتقان تۇيغۇدا بولىسىز. ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىش ئۆز ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئارزۇ-ھەۋىسىڭىز، كىشلىك ھايات نىشانىڭىز ياكى خوشاللىقىڭىزدىن ئۇلار بىلەن تەڭ بەھىرمەن بولالايسىز، بۇنداق مۇقىم ھېسسىي<< تەڭ بەھىرمان بولۇش>> سىزنى روھى جەھەتتە خاتىرجەم قىلىدۇ، ئۇلار بولغاچقا ، غايىڭىز تېخىمۇ ئاسان ئەمەلگە ئاشىدۇ ھەمدە خوشال ئۆسۈپ يىتەكلەيسىز .
    تۆتىنچى خىلى سىزگە ۋاستىچى بولىدىغانلار
    بۇ خىل كىشلەر سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن،سىزنى دەرھال ئۆزىنىڭ دىلكەش دوستلىرىغا تونۇشتۇرىدۇ .
    بۇ خىلدىكىلەر << ياردەم بېرىش تىپىدىكى >> دوستىلاردۇر، ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولغان چاغلاردا، ئۇلار سىز بىلەن كۆپ ئۇچراشمايدۇ؛ ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتىمىغان چاغلاردا، ئۇلار كۆز ئالدىڭىزدا شۇئان پەيدا بولىدۇ. ئۇلار سىزگە ئەڭ ئەمەلىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەر دائىم ئىپادىلەپ، سىزنى ئۈمىد ۋە پۈرسەتكە ئىگە قىلىپ، سىزنىڭ روھى جەھەتتە ئىلھامغا ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ .
    بەشىنچى خىلى سىزگە ھەمراھ بولىدىغانلار
    ئۇچۇرغا ئىگە بولىسڭىز، ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان ئۇچۇر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بىرىنچى بولۇپ ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرگىڭىز كېلىدۇ، ئۇلار ھەمىشە سىز بىلەن بىللە بولىدۇ.
    بۇ خىلدىكى كىشلەرنىڭ كۆكسى -قارنى كەڭ كېلىدۇ، ،مەيلى قايسى چاغدا ئىزدىمەڭ ، سىزگەقىزغىن مۇئامىلەقىلىدۇ ھەمدە سىزنى ئىزچىل قوللايدۇ. ئۇلار سىزنى رازى ۋە خاتىرجەم قىلالايدىغان دوستۇر، گاھىدا ئۇلارنىڭ ئۇنچە كۆپ گەپ قىلىشى بىھاجەت، ئۇلار گەپ- سۆز قىلماي سىزگە ھەمرا بولىسىلا كۆڭلىڭىز ئەمىن تاپىدۇ .
    نىشانىڭىز بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئوچۇق- يورۇق ھالدا دوستۇم دېسىڭىز، ئۇلارغا گەپ-سۆزىڭىزنى ئېيىتسىڭىز بولىۋېرىدۇ، بىراق ئۇلارغا يۆلىنىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئامېرىكا يازغۇچىسى پال مۇنداق دەپ ياخشى ئېيىتقان ؛ << قىيامەتلىك دوستىنىڭ ساڭا ئۆزۈڭ ئېھتىياجلىق بولغان ھەننىۋا نېمىنى بېرىشنى ئارزۇ قىلمىغىن.>>
    ھاياتلىق ژورنىلىدىن ئېلىندى
  • شەھەرلىكلەرگە راسلا يىتىشكىلى بولمايدىكەن
    ئۆتكەن يىلى، بىز سەھرالىقلار پۇتىمىزنىڭ ئۇچىغا قاراپ مېڭىپ، <<شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز>،دەپ تەن بېرىپتىكەنمىز. ئەمدى بۇ يىل بەلنى رۇسلاپ، پۇتنى جۈپلەپ، كۆزىمىزنى يۈگۈرتكىنىمىزدە، شەھەرلىكلە...
  • سصز BeanSoft MyEclipse 6 نص چۈشۈنةمسصز؟

    ئةلۋةتتة چۈشةنمةسلصكصڭصز  مۈمكصن. ئةمما بةك ياخشص. تور بصكةت قۇرغۇچصلار بصلصپ قويسا بۇلصدۇ.

    ۈ بۇ دةرصسلصكنص تور بصكةت قۇرغۇچصلارنصڭ ئۇقۇپ قۇيصشص ئۈچۈن يوللصدصم. بۇ كصتاپنصڭ ئةسلص باھاسص...
  • ئاتا - ئانىمىز

    دادام ئاتۇشنىڭ تېجەن دېگەن يېرىدىن غۇلجا شەھىرىگە پىيادە چىقىپ، مەتنىياز ھاجىم سارىيىغا كېلىپ چۈشكەنىكەن. ئۇ، تاپانلىرى ئىششىپ ماڭالماي قالغانلىقتىن، بىر يۇرتلۇقىنىڭ ھۇجرىسىدا بىر ھەپتىچە يېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جاپادا قالغانلىقىنى ئاڭلىغان تېجەنلىكلەر دادامغا بىر قانچە ماتا بېرىپ، ئۇنى ئوقەتكە سېلىپ قويۇپتۇ. دادام ماتالارنى يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىپ، بىر ئاز پۇل قىپتۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار دادامنى ئۆيلەپ قويۇشقان بولسىمۇ، ئەمما دادام تۈزۈكرەك دەسمايىسى بولمىغانلىقتىن، ئوقىتى يۈرۈشمەي تۇرمۇشتىن قىسىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام غۇلجىدىن دۆربىلجىن ناھىيىسىگە كېتىپتۇ. ئۇ بۇ يەردە ئاكىسى قۇربان ئاخۇننىڭ بىر قورا قويىغا قاراپ يۈرگەندە، 12 - يىلى مەن تۇغۇلغان ئىكەنمەن. تۆت ياشقا كىرگىنىمدە بوۋام __ ئاپامنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئائىلىنى غۇلجا شەھىرىگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دادام ئاكىسىنىڭ بەرگەن پۇلىنى دەسمايە قىلىپ، گىر بازىرىدا يەم - خەشەك ساتىدىغان بىر تەنزە ئېچىپتۇ. دەسمايىسى بىر ئاز كۆپەيگەندىن كېيىن، شۇ ئەتراپتىن ماتا - چەكمەن ساتىدىغان كىچىك دۇكان ئېچىۋاپتۇ. ئاندىن دادام تاپقان پۇلىنى يىغىپ غۇلجا شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدىن كىچىك بىر قورا جاي سېتىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بىز شۇ مەھەللىلىك بولۇپ قاپتۇق.

    دادام ئانچە ساۋاتلىق بولمىسىمۇ، قۇلاق موللىسى ئىدى. ئۇ نامازنى كۆپ ئوقۇيتتى، قولىدىن تەسۋى چۈشمەيتتى. دادام ئاپامنى تالا - تۈزگە چىقارمايتتى، ئاپامنىڭ ئۆگزىگە چىقىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قالسا، سەپراسى ئۆرلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىچارە ئاپام سۇس يورۇق چۈشۈپ تۇرىدىغان زەي ئۆيدە ئەتىدىن كەچكىچە ئۆي ئىشىنى قىلاتتى، قولى بوشىسا ياماقچىلىق، كەشتە تىكىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. تار ھويلىمىزنىڭ ئۈستى يېپىق بولۇپ، پەقەت بىرلا ئورۇندا تۈڭلۈكى بار ئىدى. ئاپام ھويلىغا چىقسىمۇ، كۈننىڭ سېرىقىنى تۈزۈك كۆرەلمەيتتى. ئاخىر ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالماس بولۇپ قالدى. ئۇ ماڭا ناھايىتى ئامراق ئىدى. مەنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھېچ يەرگە كەتمەيتتىم. چۈجە مىكياننىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋالغاندەك مەنمۇ ئۇنىڭ بېقىنىغا كىرىپ ياكى ئالدىدا يۈكۈنۈپ، دۈمچەيگەن ھالدا بېشىمنى قۇچىقىغا قويۇپ ئولتۇراتتىم. ئاپام بولسا بېشىمنى، دۈمبەمنى زېرىكمەي سىيلايتتى. ئۇنىڭ يۇمشاق قوللىرى بەدىنىمدە ئايلانغانسېرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ياكى يېنىكلىشىپ قالغاندەك بولاتتىم - دە، ئاپامنىڭ مېھىر - مۇھەببەتلىك قۇچىقىدا شېرىن ئۇيقۇغا چۆمەتتىم.

  • ئىنتېرنېت ئاتىسى ICANN رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى« ئىنتېرنېت ئاتىسى » دېگەن شەرەپ نامىغا ئىرىشكەن Vint Cerf ئۆتكەن ھەپتە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ توشقانلىق سەۋەبىدىن ئىنتېرنېت تورى دائىرە نامىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ICANN نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئاي...