• ئۇيغۇر مۇقاملىرى
    مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
    مۇخەممەس

    بۈيۈك تەڭرى باغرىنى ئارامبەخىش سەيلىگاھ دەرلەر،
    ئارامبەخىش سەيلىگاھتىن ھەم مۇققەددەس سەجدىگاھ دەرلەر،
    تېشىنى بىباھا گۆھەر،قۇمنى تۇتىيا دەرلەر،
    شىپاھلىق مۇندابىخ سۈرگەن-ئېچ...

  • ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتى
    دۆڭ كۆۋرۈكتە ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق خەلىقنىڭ كۈزىچىلا ئەخلەت تۇڭىغا تاشۋىتىلدى
    تېخى تۈنۈگۈنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ھەرقانچە ئويلىماي دىسەممۇ كاللامغا كىرىۋالدى... ...
  •  بۇ توي زادى كىمنىڭ؟


    بۇلتۇر ئورۈمچىدە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىغا قاتناشتىم.ئەسلىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بۇ شەھەردىكى تويغا قاتنىشىۋاتقانلىغىمدىن ئىنتايىن خوشال ئىدىم،ئەپسۇس توي ئاخىرلاشقاندا بىرقىسما بولۇپ قايتتىم.بۇ توينى سۇننەت توي دىگەندىن كۆرە دوستۇمنىڭ جۇگان تويى دىگەن تۈزۈكتەك قىلاتتى.توي باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە مەن توينىڭ باش قەھرىمانىنى كۆرۈپ بااقمىدىم.ئەمما دوستۇم بولسا 5 خىل كىيىم 5خىل گىرىم بىلەن مىنىڭ كۆز ئالدىمدا پىرقىراپ يۈرەتتى.سورۇن باشلىنىپ ئاخىرلشقىچە بولغان جەرياندا دوستۇمنى مەركەز قىلغان تەبرىك سوزلەر ئۈزۈلۈپ قالمىدى.بۇغۇ مەيلى ئەمما كامىرامۇ دوستۇمنى مەركەز قىلىپ ئايلىناتتى،دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە بۈگۈن مۇشۇ توي ئۈچۈنلا 5مىڭ يۇئەنلىك كىيىم كىيىپتۇ،يولدىشى ۋە ئوغلى 2مىڭ 5يۈز يۇانلىك كىيىم كىيىپتۇ. قىلدۇرغان گىرىمىمۇ مىڭ يۇاندىن كەم ئەمەس ئىكەن.مىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى توينىڭ ئەتىسى ئەتتىگەنلىك چايدا ئولتۇرۇپ دوستۇمنىڭ ئېيتقان گېپى بولدى:"شۇنچە ئارزۇلاپ ،يىمەي ،كەيمەي پۇل يىغىپ ،نۇرغۇن جاپا تارتىپ قىلغان ئىدىم بۇ توينى،ئەمما كۆڭلۈمدىكىدەكبولمىدى،ئىتىزاتتىن قىسىلىپ قالمىغان بولسام پۈتۈن ئۈرۈمچىگە داڭ كەتكۈزىۋېتاتتىم ئەمەسمۇ،ئېسىت"دىدى دوستۇم ئۇلۇق كىچىك تىنىپ،مەن گەپ قىلىشنى توغرا تاپقھن بولسممۇ مېھمان بولغانلىقىم ئۈچۈن 。。。

  • [ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻗﯩﺴﻰﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ، ﺋﯩﮕﻪﺭ- ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﭽﻰ - ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﻪﻙ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .

        ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻧﻰﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ،ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯜﻛﯩﻨﻰﺋﯧﭙﻜﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ .

    ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﺷﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ : << ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﯓ ﻛﯜﭼﯜﻙﺗﯘﻏﺪﻯ >> ﺩﻩﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺩﻩﺭﻏﻪﺯﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺗﻮﻗﺎﻟﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺷﯘ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﮬﯩﻴﻠﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ : << ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻠﻪ ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ، ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺎﻱ >> ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﻏﺎﻥﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯘ .

        ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ . ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ . ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯜﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭙﻜﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ : << ﻣﺎﻧﺎ ، ﺳﯧﻨﯩﯔﺗﻮﻗﺎﻟﯩﯔ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺗﯘﻏﺪﻯ . ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥﺭﻩﺳﯟﺍﭼﯩﻠﯩﻖ >> ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﭙﺘﯘ . ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺗﻮﻗﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ .

          ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ :

  • ئۇيغۇر نەزىرىدىكى ئامرىكا

    ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئامىرىكا ھازىر دۇنيانىڭ خۇجىسى ۋە نەزىرىمىزدىكى ( ئاتالمىش ) ئادالەتپەرۋەر ،كىشلىك ھۇقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى شۇنىڭدك ھەرقايسىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كوز -قارشى ئوخشاش ئەمەس . شۇنىڭدەك مىنىڭمۇ شەخسەن ئۇنىڭغا بولغان كوز -قاراشلىرىم بار ،مەن بۇيەردە قۇرۇق گەپ ساتماقچى ئەمەس بەلكى ھەرقايسىڭلار بىلەن پىكىردە ئورتاقلىشىپ باقماقچى ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن باشلاپ ئامرىكا ھۈكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى غايەت زور ئاشتى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زومىگەر دۈلەتكە ئايلاندى ،بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ قۇرال -ياراق سودىسىدىن باشقا يەنە ئۇرۇشتىن ۋە دولەت قوغداشتىن كىلىدىغان كىرىمى ناھايىتى نۇرغۇن ،بۇنىڭدىكى يەنە بىر چوڭ سەۋەپ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئامرىكىنى ئۇز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى . يەھۇدىيلار بولسا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور خەۋپ ، ئۇلار ئامرىكىدىن پايدىلىنىپ پەلەستىندە زوراۋانلىق بىلەن زىمىن ئىگەللىدى ،نۇرغۇن غەرىپ دولەتلىرى نۇمۇس قىلماستىن ئۇلارنى قوللاۋاتىدۇ ھەم قوللىدى ،ئۇلار شۇدەرجىدە ھەييارلىق قىلدىكى پۇتكۇل دۇنيانى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇردى ،پەلەستىن ،ئىراق مىسىر كۇۋەيت .ئىران يەنە ساناقسىز دولەتلەرنى ۋەيران قىلىپ ئۈزىنىڭ پەس نەپسىنى قاندۇردى...

  • توڭگۇز بېشى قەدىمى شەھىرى
     
    بىلىم تورى خەۋرى
     

           توڭگۇز بېشى قەدىمى شەھىرى : تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قاراشلىق كۈسەنگە تەۋە ھەربىي كۈرە. ئۇ توقسۇ ناھىيىسىنىڭ 44 كىلومېتر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئورنى ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قەدىمىي سۇغۇرىلىدىغان تۈزلەڭلىك رايونىدا ،بۇ جاي ھازىر شورتاڭلىققا ئايلىنىپ كەتكەن . شەھەر خارابىسىنىڭ تەكشى يۈزى چاسا شەكىلدە بولۇپ ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 960 مېتر ، سېپىلنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى تۆت – سەككىز مېتر كېلىدۇ . شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت بۈرجىكىدە 13يۆلەك تام بار . جەنۇبىي ۋە شىمالىي سېپىلنىڭ ئوتتۇرسىدىن قوۋۇق ئېچىلغان بولۇپ ،  قوۋۇق قەلئەسى بار ، شەھەر ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ئىزلىرى يىمىرىلىپ توپا دۆڭگە ئايلىنىپ قالغاچقا ، شەكلى ئېنىق ئەمەس . شەھەر خارابىسىدىن سىدام خىش ، سىدام كاھىش ، ساپال تۇرمۇش بويۇملىرى ، تاش يارغۇنچاق ، تۆمۈر ئورغاق ، زىغىر ئۇرۇقى ،قۇيماق ۋە كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى ، دالى يۇنباۋ يارمىقى ،جيەنجۇڭ تۇڭباۋ يارمىقى قاتارلىق تاڭ سۇلاسى دەۋرىدىكى پۇللار ۋە ‹‹دالى 15– يىلى لى مىڭدانىڭ ئاشلىق ئۆتنە ئېلىش ھۆججىتى ››،‹‹دالى 14 – يىلى پاكسۇ پارنىڭ ئېشىنچا تېرىق ئېلىش ئىلتىماسى ››قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىندى .

  • بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلشۇناس پىرخۇيلان ھەققىدە پىر خۇيلان(736-820-يىللىرى) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپەككۇرى، ئاتاقلىق مائارىپچى، تىلشۇناس، ئالىم، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ  ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. پىر خۇيلان(裴悲) مىلادى 736- يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر(خەنزۇچە خاتىرىلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىننىڭ گۈللەپ ياشنىشى قەشقەرنى ھەر قايسى ئەللەردىكى مەشھۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، غەربتىن شەرققە ۋە شەرقتىن غەربكە توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرى ۋە ئۇستازلىرىنى پېشۋا بىلىپ ئۇلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلاتتى. بۇ دەۋردە يەنە سانسىزلىغان بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى يېتىشىپ چىقىپ قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككمۇ ئۆز تەسىرنى كۆرسەتكەنىدى. ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا يېتىشىپ چىققان پىر خۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالىي ئىبادەتخانلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېتىلمىلىق ئۆگىنىش ئۈچۈن تىل يېزىق ئۆگىنىشكىمۇ ئالاھىدە  كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. نەتىجىدە ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتابلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھلىگۈچىسى ، بۇ جەھەتتە ئۇ ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان.
    پىرخۇيلاننىڭ قەشقەردىن ئايرىلىپ چاڭئەندە تۇرۇپ قېلىشىغا

  • ئۇيغۇر شېئصرصيصتصدصكص 100 پارچة نادصر شېئصرلارنصڭ تصزصملصكص !

    新疆| 维吾尔族| 中国免费域名|英语

  • ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇرلارئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر كىشىلەر بىلەن قىسقىچە تۇنۇشوپ چىقىڭ1-مەھمۇت قەشقەرى:(1008-1105) بۇيۇك ئالىم ، تىلشۇناس. شاھانە ئەسەر"تۈركىي تىلار دىۋانى" نىڭ مۇئەللىپى،ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كىلىپ، بىر ئۆمۇر ئىجادىيەت بىلەن شۇغولىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدىرىس ئېچىپ مۇدەرىسلىك قىلغان، ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلوم بولسىمۇ، زامانىمىزغا يىتىپ كېلەلمىگەن، ئالىمنىڭ توغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەقىدە ئېنىق مەلومات يوق،ئەما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۇپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلوم.2-يۈسۈپ خاس ھاجىپ:(1018-1085)قارخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا چىقىپ ئۈزىنىڭ "قۇتادغۇ بىلىك" ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا بۈيۇك ئابىدە تىكلىگەن شائىر.3-ئەبۇ نەسىرفارابى:(870-950)"شەرىق ئارىستوتىلى"نامى بىلەن تۇنولغان ئۇيغۇر قارلوق ئالىمى.ئۇ ئوتورائەسىر جاھان ئىلىم-پەن مەدىنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇروپ كەتكەن.4-ئەلشىر ناۋائى: (1441-1501) شەرىق شېئېرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان، ئىجادى بىلەن جاھانغا تۇنولغان ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلوغ مۇتەپەكور شائىر . ئۇ ھىراتا توغۇلغان يەتە يېشىدېن باشلاپ شېئېر يېزىشقا كىرىشكەن، شائىرىمىزنىڭ "خەزائىنۇل مەئانى"ناملىق دىۋانى بىلەن"خەمسە"ناملىق داستانلىرى توپلىمى ئالاھىدە ئۇرۇندا تۇرىدۇ.5- سولتان سەئىدخان:(1490-1533) يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى قورغۇچىسى،شائىر سەئىدخان مەرىپەتۋەر كىشى بولغانلىقتىن يەكەن خانلىقىدا ئەدىبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جوش ئۇروپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن، سولتان سەئىدخانمۇ ئويغۇر ۋە پارىس تىلىرىدا نورغۇن شېئېرلارنى يازغان، دەۋرىمىزگە كوپ يىتىپ كېلەلمىگەن، ئۇ تىبەتكە قىلىنغان بىرقېتىملىق ھەربى يۈرۇشتە 43يېشىدا ۋاپات بولغان.6- ئۆمەر ھەييام:(1040-1123) مۇتەپەكور ، شائىر ئاستىرنوم ، ئۇ نىشاپوردا تۇغۇلغان، سالجوق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھوزۇرىدا، ۋەزىر نىزامىمۈلىك ھامىيلىقىدا"مالىك شاھ ئاستىرنومىىيىلىك جەدىۋىلى"نى ئىشلەپ سالجۇقىيلار كالىندارىنى تۈزىگەن . ئۇ