• ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئۇنىڭ « ئەتەبەتۇلھەقايىق » ناملىق ئەسىرى
    تەييارلىغۇچى : قامچا
      ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكىنەكى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ، 13-ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ، ئۇ قارخانىيلار ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر شائىرلارنىڭ بىرى. بىزگە ئۇنىڭ « ئەتەبەتۇلھەقايىق » ( ھەقىقەتەنلەر بوسۇغۇسى)
    ناملىق بىرلا ئەسىرى يېتىپ كەلگەن . شائىرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . داستاندا قوشۇمچە قىلىنغان بەزى شېئىرلاردىن ئىسمى ئەھمەد ، ئاتىسى مەھمۇد بولۇپ ، يۈكنەك دىگەن يەردىن ئىكىنلىكى
  • يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرى قاۋاق ئاچىدىغان قاۋاقتا ناشتا قىلىدىغان قىزلار كۈپۈيۈپ قالدى
    بۇ شىئىر شۇلارغا ئاتاپ يېزىلغان ئىكەن.

    لەنەت ساڭا قاۋاق ئاچقان ئۇيغۇرۇم

    ھاراقكەشكە يارىتىسەن پـۇرسـەتـنى ،
    نادانلىققا ئۇندەيسەن ھ...
  • شەھەرنىڭ سىرى



    ئادىل تۇنىياز


    بېرىلمىدى بىزگە ئىزاھات.
    سېلىنماقتا رەت-رەت ئىمارەت.
    ئېگىزلىگەن تەنھالىقىمىز.

    ۋاقىت بىر چوڭ شەيتان ئەينىكى،
    قېرى مۈشۈك تىكىپ كۆزىنى
    كۆرەلمەيدۇ ئۇندا ئۆزى...
  • بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟

    ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻚ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺟﺎﭘﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ۋاﭘﺎ ﻛﯧﻠﻪر؟
    ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرى، ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎزاۋەر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﺟﺎلاﻟﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻟﻘﯘن روزى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪر «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟»، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن رﯦﺌﺎل ﺗﯧﻤﯩﺪا ﺋﻪﺳﻪر ﻳﯧﺰﯨﭗ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 2 - ۋە 4 - ﺳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﺎﻳﺘﯘردى ۋە ﺑﯩﺰدﯨﻦ «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟»ﻟﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎز - ﺗﻮلا ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪى. دەرۋەﻗﻪ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪززاﺳﻰ ﺋﺎﻧﯩلارﻏﺎ، دادﯨلارﻏﺎ زاﻣﺎن ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﯩﻤﯘ زاﻣﺎن ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﺘﯘر.
    ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻤﯘ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﺪەك، ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﻣﯘ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ.
    ﻣﻪن ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪە، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻳﯜرﮔﯜزﯨﻤﻪن.

  • قانداق كىشىدىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك ؟
    ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇ .ئەمما كەلگۇسدىن غەم يىگەن كىشدىن ئەجەبلىنىشكە تىگىشلىك !
    ئاللاھنىڭ رەھمىيتگە ھەقىقى جەزمى قىلدۇ ئاندىن بەخىتتىن نائۇمۇتتە بولغان كىشدىن ئەجەبلىنىشكە تىگىشلىك !
    ئاللاھنىڭ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئىكەنلىكگەئىشنىدۇ ئاندىن قازا قەدەردە سەك قىلدۇ ياكى سەبىر قىلالمايدىغان كىشگە ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    ئاللاھنڭ ئەڭ ئادىل ئىكەنلىكدە كوڭوللىرى ئارام تاپدۇ ئالەمنىڭ قانداق ئاخىرلىششىدا شەك قىلغان كىشگە ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى ياراتقانلىقنى ھەم ئۇلارغا رىزىق بىردىغانلىقنى بىلدۇ ئاندىن ئىبادەتنى قۇيۇپ تىرىكچىلىككە بىرلىپ كىتدۇ ھەتتا ھارامغا باردىغان كىشگە ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    دەۋزەخنىڭ ھەق ئىكەنلىكنى بىلىپ تۇرۇپ كۇلۇپ يۇرگەن كىشلەردىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكنى بىلىپ تۇرۇپ ئاندىن دۇنيادا ئاخىرەتتىن غەمسىز ياشاۋاتقانلاردىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    ھىساب ئىلىندىغانلىقىنى بىلدۇ ئەمما ئەمەل قىلمايدىغان كىشلەردىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    رەسۇللاھ س ئ ۋ نى ئەڭ سۇيۇملۇك كىشىم دەپ داۋا قىلدۇ ئەمما سۇننەتنى تەرىك ئەتكەن كىشدىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    قۇرئاننى شۇنچە چىرايلىق ئۇقۇيدۇيۇ ئەمما ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان كىشلەردىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    دەۋزەختىن پاناھ تەلەپ قىلدىغان ئەمما ھاۋايى ھەۋسىگە ئەگىشدىغان كىشدىن ئەجەپلىنىشگە تىگىشلىك !
    شەيتاننى دۇشمۇنۇم دەپ داۋا قىلدۇيۇ ئەمما ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىتۋاتقان كىشلەدىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    مىيىتلەرنى كۇمۇپ قەبرىدىن چىقدۇيۇ ئۆزنىڭ شۇ يەرگە كىردىغانلىقنى ئۇنتىغاش كىشلەرگە ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    ئاللاھ بەرگەن نىئمەتلەرنى يەيدۇ ئاندىن ئۇنىڭغا شۇكرى قىلمايدىغان كىشلەردىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    باشقىلارنىڭ ئەيپىنى ئىزلەپ يۇردىغان ئەمما ئۆزنىڭ ئەيپىنى ئۇنتىدىغان كىشدىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    ئاللاھنى تۇنۇيدىغان ئەمما ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان كىشدىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
    قۇلنى دۇئا ئۈچۈن كۇتۇردىغان ئەمما گۇناھى مەئىسىيەتتى شۇ قۇلنى ئۆزمەيدىغان كىشدىن ئەجەپلىنىشكە تىگىشلىك !
  • مۇھەببەت يۇلىدا تىڭىرقىدىڭىزمۇ
    ھەرقانداق بىر ئادەم ياشلىق مەزگىلىدە،مۇھەببەت باغلايدۇ ،كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقى تەبىيلا ئادەمنى مۇھەببەت كۇچىسىغا باشلاپ كىرىدۇ .ئادەم كۇپۇنچە ھسياتچان .شۇنداقلا ساددا كىلىدۇ .بىر سىنى ياخشىكۇرۇپ قالسا ھاياتىنى تەغدىرىنى شۇنىڭغىلا باغلاپ بارلىقىنى ئاتىۋىتىدۇ .لىكىن كۇپۇنچە بىز ئىشەنگەن ئاشۇ ئادەملەر بىز سۆيگەن ئاشۇ دىلكەش،ئادىمىمىز ،كۇڭۇلدىكىدەك چىقماي بىزنىى شۇنداقلا مۇھەببەت لىشىۋاتقان ياشلىرىمىزنى .تۇيۇق يولغا تەبىيلا سۆرەپ ئېلىپ كىرىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ بىزدە روھى چۇشكۇن بۇلۇش ،ئۇزىنى بەخىتسىز ھىساپلاش .ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمگە كۇڭۇل بىرەلمەيدىغاندەك ھىسيات شەكىللىنىدۇ .سىز ئۇزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن ئايرىلىپ قالساق راسلا تۇگۇشىمىزمۇ ؟ ؟؟مىسكىنلىك خامۇشلۇق بىزنى ئەبەت ئەسىر قىلامدۇ ؟مۇھەببەت كە قانداق قاراش كىرەك؟
    بىزنىڭ باشقا چىقىش يۇلىمىز يوقمۇ ؟ياق ئۇنداق ئەمەس .تۇۋەندىكى قۇرلار بەلكى سىزگە ئەسقېتىپ قالار قېنى نەزەر سېلىڭ ........

    1-سىز بىرسىنى ياخشىكۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن يۇرىۋاتقاندا ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆردۇم دەپ ئويلىسىڭىز
    ئۇنىڭغا كۇيۇنىڭ مىھرىڭىزنى بىرىڭ ،ئۇنى چىن دىلىڭىزدىن سۇيىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرۇڭ .ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلىڭ ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلىدىغان .سەۋەپسىزلا تۇلا كۇنلەيدىغان ئىشلارنى قىلماڭ .
    ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرۇڭ .ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ ،
    2ئۇنىڭ بىلەن كۇرۇشۇڭ ئامال بار ئۇسىزبىلەن كۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغاندا سەۋەپ كۆرسىتىپ رەت قىلماڭ .
    ئۇنىڭ سىز نى چاقىرىشى .سىزنى دىكىشى ھىساپلىغىنى بۇلىدۇ .ئۇنىڭ دىلى سۇنۇق مىسكىن چاغلىرىدا يېنىدا بۇلۇڭ ئامال بار خۇشاللىق ئىشلارنى ئەسلىتىپ كەيپىياتىنى كۇتۇرۇشكە تىرىشىڭ ،
    3ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەمچىلىكى شۇنداقلا ئارتۇقچىلىكى بۇلىدۇ .ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى تۇزۇشۇشكە تەكلىپ بىرىڭ ئاچچىقلانماڭ .ئۇنىڭ زىتىغا تىگىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ.كەمچىلىكلىرىنىڭ،زىيانلىك تەرەپلىرىنى چۇشەندۇرۇپ ئۇنىڭغا كۇيۇنۇڭ .ئارتۇقچىلىقىنى قۇبۇل قىلىپ بەدەت بىرىڭ .
    4ئۇنىڭغا ئۇزىڭىزنىڭ ياخشىكۇرىدىغان نەرسىڭىزنى زورلاپ تاڭماڭ ئۇنىڭمۇ ياخشىكۇرىدىغان نەرسىلىرىنى قۇبۇل قىلىشىغا پۇرسەت بىرىڭ مەن پولو يەيمەن سەنمۇ شۇنى يە،دىگەن دەك مەجبۇرلاش خاراكتىرىدىكى سۆزلىرىنى ئىشلەتمەڭ.
    ئۇنىڭ سىز نى ياخشى كۇرىدىغان ياكى ياخشى كۆر مەيدىغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىز .تۇۋەندىكى قۇرلارغا قاراڭ.
    5-سىز بىلەن بىللە بوللغان ۋاقىتلاردا جىمغور بولىۋالسا سىز شۇنچە قىزغىن بولسىڭىزمۇ ئۇيەنىلە شۇنچىلىك سۇس كەيپىياتتا بولسا ،پالانى نەرسە بەك ياخشى ھەدەسىڭىز .نىمىسى ياخشى تايىنى يوق دەپ پەرۋاسىز پىكىر بەرسە ،
    سىز بازار ئايلىنىشنى ياكى باشقا يەلەرگە بېرىپ ئويناشنى ئېيتسىڭىز سەۋەپسىزلا رەت قىلسا ،سىز ئۇنى سېغىنغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ كۇرىشەيلى دىسىڭىز مەن كۇندە بار غۇ .باشقا كۇنى كۇرىشەيلى دەپ رەت قىلسا ،(جىددى خىزمىتى بۇنىڭ سىرتىدا)

    سىزنىڭ ئازاپلانغانلىقىڭىزنى كۇرۇپ تۇرۇپ ،پەرۋاسىزلاچا بولدى قىل يىغلىما دەپلا قويسا .سىز گە تەسەللى

  • خوتۇندىن قورقۇشنىڭ 7 پايدىسى


    1 خوتۇندىن قوقسا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ .
    خوتۇندىن قورققان ئادەم ھاراق ئىچمەيدۇ ، تاماكا چەكمەيدۇ ، تالا تۈزلەردە ئويناپ يۈرمەيدۇ ، كۈندىلىك تۇرمۇشى ئىنتايىن قانۇنىيەتلىك بولىدۇ ، تويدىن بۇرۇنقى ن...
  • توختى بۇ سەپەردىكى،يىنىدا ئولتۇرغان ھەمراھىنى<قارىم> دەپ ئاتايتتى.
    <قارىم>ئۆزگىچە ئادەم ئىدى،گەپلىرى بەكمۇ چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى،توختى بۇ ئادەم بىلەن پاراڭلىشىشنى خالاپ قالدى.
    _قارىم سىلى قانچىلىك ئوقۇغان؟
    _مەن ئوقۇمىغان،دېدى ق...
  • بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟
    <ئانا>>_ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس.<<ئانا>> ئۇيغۇرلار ئۈچۇن بارلىق كىلىپ چىقىشنىڭ سىموۋلى.
    ئۇيغۇرلانىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئاندىن ئاپرىدا بولىدۇ، ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. دىمەك،مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ،ئانىدا ياشايدۇ،ئانىغا قايتىدۇ. ئانا مەنە بۇلىقى،ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى <<ئانام>> ئۇقۇمىدىن خالى ھالدا ئىلىپ بارالمايدۇ. ئۇلار ئۇچۇن ئانا_ئالەم، ئانا_بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان مۇقەددەس سوبسىتانسىيە. مىنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات،ۋە تەپەككۇر تارىخىنى <<ئانا>> ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يورۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئانىنى مەركەز قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ شەجىرىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەتتا<<ئانا>> نى سۇپەت قىلىپ پۇتۇن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ، ئانا ئۇيغۇر پەلسەپىسنىڭ كىندىكى.
    <<ئانا>> دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا_ ھاياتنىڭ كىينكى ھالقىلېرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە ئانا ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بۇلۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كىيىنكى نەسلىنى يىتىلدۇرىدۇ. مىكىيانمۇ ئانا، ئۇمۇ چۇجىلېرىنى ئەگەشتۇرۇپ، تاپقان تەرگىننى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ <<ئانا>> ئۇقۇمىنى پەقەت << تۇغۇپ قويغۇچىدىنىلا ئىبارەت>> دەپ چۇشۇندىغانلار تالاي. بۇنى بىز بىئولوگىيەلىك ئانىلىق، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋاھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن <<ئىنسان>> بۇلۇش شەرىپىنى ئۈتىيەلمەيدۇ. <<ئانا>> يەنە مېھرى - مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۇن تىنسىز بەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا << مېھىر>> دىن ئىبارەت بۇ گۇزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلېرىنىڭ تۈگىمەس جەبرى جاپاسى تۇپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلېرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۇپەيلى ئۇمۇرلۇك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى،ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللېرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۇرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائى مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۈھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى. شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنىتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ.
    بۇگۇنكى ئۇيغۇرلارنىڭ <<ئانا>> ئۇقۇمى ئەنە شۇ مۇھەببەت  باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ. ئۇلار ئانىلارنىڭ مېھرىلىك قىياپەتلېرىنى ، ئاق كۆڭۇللۇكلېرىنى، بەرگەن قۇربانلېرىنى، پەرزەنىت ئالدىدىكى پەيۋەندىلىكلېرىنى، ھازا ئىچىدە مىسكىن ئۈلۇمنى ناخشا-قۇشاقلارغا ئايلاندۇرۇ، تىلىۋېزور ئېكرانلېرىغا ئىلىپ چىقىشتى. vcd قىلىپ ئىشلەپ، بازارلارغا سىلىشتى.لىكىن ،ئانىلىقنىڭ تىگى- تەكتى ۋە پەزىلەتلىك مەسئوليىتى ھەققىدە كىيىنكىلەرگە ئىبرەت بولمىش پاراسەتلەرنى ئىشلەپ چىقالمىدى. بۇگۇنكى شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى، ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۈيلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئانىنىڭ شەپقىتىگە بىقىندى بۇلۇپ كەتكەن مىشچان ئەۋلاتلارنىڭ قەلىپ ساداسى. ئۇنداقتا، بۇنداق بېلى بوش ئەۋلاتلار نىمىنىڭ مەھسۇلى؟! بۇ يەنىلا مېھرى شەپقەتتىن باشقىسى قۇلىدىن كەلمەيدىغان ساددا ، ئاق كۆڭۇل ئاتا-ئانىلارنىڭ مەھسۇلى.قەدىمقى ئۇيغۇرلاردىكى ئانىلار ئەرلېرىنى ۋە ئوغۇللېرىنى جەڭگاھقا ئۇزۇتۇۋىتىپ، ئىپتىخار ھىس قىلاتتى.ئۇلار ئەرلېرى ۋە ئوغۇللېرىنىڭ شەھىد بولغىننى ئاڭلىغاندا كۆزلېرىنى<<مىت>> قىلمايتتى، بەلكى ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشاتتى. ھازىرقى ئانىلار بولسا باللېرىنى يىراق بىر شەھەردىكى ئالى مەكتەپكە ئۇزاتقان بولسا، ئۆرتىنىپ يىغلاپ كېتىشىدۇ. قارغولارچە مېھرى -شەپقەت بولۇمسىز ئەۋلاتلارنى يىتىشتۇرىدىغان بۇشۇك.ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى تەسەۋۋۇپ بىلەن سۇغۇرۇلغان خەلىق،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مەدىنيىتىنىڭ چوڭ-كىچىك ساھەلېرىگە نەزەر سالساق، بۇ خەلىقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنى ئاممىۋى مىقىياستا كېڭەيتىۋاتقان خەلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. جۇملىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئانا ئۇقۇمىمۇ تەسەۋۋۇپ خاھىشىدا راسا پىشۇرۇلغان. بۇ ھال مەشرەپ شېئېرلېرىدا بىر قەدەر روشەن ئەكىس ئىتىدۇ: << ئانا رازى خۇدا رازى، مۇھەممەت مۇستاپا رازى>>.
    دىققەت قىلىش كېرەككى،ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەمىسىنى رازى قىلغان بىلەن خۇدا رازى بۇلۇپ بۇلۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ بۇيرىقىنى چۇشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا، ئاندىن خۇدا رازى بولىدۇ، مەشرەپنىڭ دىمەكچى بولغىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. ئەمما ،بۇ پىرىنسىپ شېئېرلاشتۇرۇلۇپ ئېيتقاچقا، قۇيۇق ھىسيات تۇسىگە ئىگە. پىرىنسىپلارنى ھىسياتلاشتۇرۇش شېرى مىللەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى. تەسەۋۋۇپمۇ ماھىيەتتە شېرى قايناق، كۈيۇم ئانىلاردىكى ئىنسانى سۇپەتنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى.ئەمما ،بۇگۇگۇنكى ئۇيغۇرلار <<ئانا>> لىقنىڭ ئۆلچىمىنى<< كۈيۇم >> بىلەنلا چەكلىگەن ۋە شۇ دائىرىدە تەلقىن قىلغان.
    << ئانا>> دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچۈنچى بىر مەنىسىمۇ بار، بۇنى ئانىلىقنىڭ اكامۇل ئىپادىسى، دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئانىلىق پەرزەنىتكە بولغان مېھرى مۇھەببەتنى ئېتىقات يۇكسەكلىگگە كۈتۇرالىغاندىلا، پىداگوكىك مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئانا ئۆز پەرزەنتىگە مەلۇم بىر ئېتىقاتنى چۇشەندۇرەلىگەندە ۋە قۇبۇل قىلدۇرالىغاندا؛ ئۇلارغا كۈيۇنگەندە ئېتىقادىنى پىرىنسىپ قىلالىغاندا ، ئۇلارنى جازالىغاندىمۇ ئېتىقادىنى مىزان قىلالىغاندا، بۇنداق ئانا ئۆزىدىكى ئانىلىق تەبىئىتىنى  مۇقەددەس پەللىگە يەتكۇزەلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئانا ئۆزىدىكى ئىنسانى ھىسياتنىڭ  ۋاكالەتچىسى بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىدىن ئۈستۇن تۇرىدىغان مۇقەددەسلىكنىڭمۇ ئەلچىسىگە ئايلانغان بولىدۇ. ھىكايات: بىر ئايالنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ يىراق بىر شەھەرگە كىتىپتۇ، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ۋەتىنى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچۇراپتۇ، ئايال ئۆز ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلسا،ئوغلىنىڭ سودا قىلىپ يۇرگنى مەلۇم بوپتۇ، غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە ھىچ بىر ئىككىلەنمەي قەتىل قىپتۇ. كىيىن ئۇقسا، ئوغلى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يۇلىدا سودا قىلغانكەن. بۇنىڭدىن ئۈكۇنگەن  ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ بورچىنى ئۆز ئۈستىگە ئەپتۇ. شائىر ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ<< ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>> دىگەن ئەسىرىدىمۇ ياۋغا تەسلىم بۇلۇپ، ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغۇلىنى ئۆز قۇلى بىلەن قەتىل قىلغان بىر ئانا تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق تېما ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەدىبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ.ئانا بىر ئىنسان بۇلۇش سۇپىتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىنى تۇلىمۇ سۇيىدۇ، دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك. لىكىن،بۇ سۆيگۇنى شەخسىيەتتىن
  • كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش - يېزىلىپ بولغان تارىخ، رېئاللىق - يېزىلىۋاتقان تارىخ.
    ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆتمۈشى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخ پەنلىرى بىر مىللەت، بىر رايون ياكى بىرەر ئائىلىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان نۇرلۇق ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. كىمنىڭ ياكى قەيەرنىڭ بولۇشىدىن، كىمگە ياكى نېمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىخلا بولىدىكەن، ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ - ئارمانلارنى مۇجەسسەملىگەن ئەپسانە - رىۋايەتلىرى، قان - ياشلىق ھايات ئۇلانمىلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ھەم مۇشۇ پاكىتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە - مۇلاھىزىلىرى بىلەن مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ئۇلغايتىپ ھەم نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق، كۆزىنى ئوچۇق، يولىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتكە يۈزلىنىش ھېسابلانسا، بىر ئائىلە، بىر ئادەمگە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق - كۇپۇرلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، يۇقىرىقى يەكۈننى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، جاھاندا بولغان ۋە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپ، شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە جەلپكار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمىز. بەلكىم، نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆز تارىخىنى ئۆزى يوقىتىپ كېلىۋاتقان نادان خەلقلەر ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىش تېخىمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.

    دۇنيا تارىخى چوڭ - كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى بولسىمۇ، ئەزەلدىن تارتىپ ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ يازما - قېزىلمىلىرى ئارقىلىق نامايان بولۇپ كەلدى ھەم شۇ خىل مىللەتلەرنىڭ ساقلاش، رەتلەش، كۆزىتىش، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەنئەنىسى ئاساسىدا دۆلەت بىرلىكى، مىللەت ئىپتىخارلىقى سۈپىتىدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى. تارىخنىڭ يېڭى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى بىر تەرەپتىن سىياسىي، جۇغراپىيىلىك ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى پسىخىك ئامىللار سەۋەبىدىن جۈملىدىن تارىخنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئاڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولدى. تارىخنىڭ ئۆزى شەپقەتسىز، ئۇنىڭ شاللاش ئوبيېكتلىرى ئوخشاشمىغان ماكان ۋە زاماندا ئوخشاشمىغان ھالەت ۋە قىياپەتتە شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى پارلاق تارىخقا ئىگە بولغان بەزى ماكان ۋە ئاۋاملار كېيىنچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئانچە كۆزگە چېلىقمىغان بەزى رايون ياكى خەلقلەر بىردىنلا ئۇتۇق قازىنىپ، دۇنياۋى مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل رېئاللىقتىن قارىغاندا، تارىخ ئارقىلىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، تارىخ ئارقىلىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنىڭ ئەڭ يېڭى تەپەككۇر يولىنى ئىزدەش، ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغان زامانىۋى مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.
    تارىخقا ھۆرمەت قىلىش - بىر خىل ئىلمىي پەزىلەت. تارىخقا توغرا باھا بېرىش - بىر